`خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش ۋە ئۈمىد` ناملىق ئەسەر ياپونىيىدە نەشردىن چىقتى

`تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن 2008، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش ۋە ئۈمىد` ناملىق كىتاب خىتاي يازغۇچىسى ليۇ يانزى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، خىتاي تىلىدا يېزىلدى ۋە ياپون تىلىغا تەرجىمە چىلىنىپ نەشىردىن چىقتى

0:00 / 0:00

`تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن 2008، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن كۈرەش ۋە ئۈمىد` ناملىق كىتاب ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان بېيجىڭلىق خىتاي يازغۇچىسى ليۇ يانزى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، خىتاي تىلىدا يېزىلىپ، ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فۇجىبارا نەشرىياتى تەرىپىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنى نەشردىن چىققان. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 3-قېتىم نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب جەمئىي 315 بەت ۋە 4 باپتىن تەركىپ تاپقان. كىتابنىڭ ئىچكى مۇقاۋىسىغا ليۇ شياۋبونىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. كىتابتا ئاساسلىقى ئاپتور ليۇ شياۋبو تيەنئەنمىن ۋەقەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، كىتابنىڭ 3-باپىدا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە ئۇلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ كىتاب ياپونىيىدە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن زور تەسىر قوزغىغان.

ھازىر ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كىتابدا نېمىلەر يېزىلغان، ياپونىيىدە بۇ ھەقتە نېمە مۇنازىرىلەر بولماقتا دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كاگوشىما خەلقئارا ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.