خاۋ چۈننىڭ تەخەللۇسى مو رۇڭ شۆسۈن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، چىرىكلىك، ھۆكۈمەت ۋە سودا، تىجارەت ئارىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەتلەر، زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە پەيدا قىلغان ھاڭلارغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا يازغان «چېڭدۇ، بۇ كېچە مېنى ئاۋارە قىلما»، «چۈشىدە ئۆلۈش» دېگەندەك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭ خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدە 1 مىليوندىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بار.
خاۋ چۈن «كۈزدىكى سۇ ۋە بىپايان ئاسمان» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي كېسەللىكلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئازابقا كۆنۈپ قېلىش خاھىشىنى ۋە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشتىكى قىيىنچىلىق ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئىدى. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە قويغان تۆۋەندىكى دىئاگنوزلىرىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ باقايلى:
ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى 3-خىل ئىجتىمائىي كېسەللىك بولسا-قۇللۇق پسىخىكىسى. خۇددى لۇشۈن ئېيتقاندەك، خىتايدا پەقەت ئىككىلا دەۋر بولغان. بىرى ئىنسانلار قۇل قىلىنغان دەۋر، ئىككىنچىسى، كىشىلەر قۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئەمما ھازىرقى شارائىت يول قويمايدىغان دەۋر. بۇ كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپ، كوللېكتىپقا، دۆلەتكە، پارتىيىگە سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چوڭ بولغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغان بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن بىر مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ كىشىلەر تىرىشىپ ئوقۇسا، جاپالىق خىزمەت قىلسا دۆلەت ئۈچۈن قىلىدۇ، بەدىنىنى دۆلەت ئۈچۈن چېنىقتۇرىدۇ. ھەتتا مۇھەببەتلەشسىمۇ دۆلەت ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار دەۋاتقان دۆلەت مەنپەئىتى دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئىتى، پارتىيىنىڭ مەنپەئىتى، ھەتتا ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىدۇر. بۇ كىشىلەر ئاتالمىش «دۆلەت مەنپەئىتى» ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى كىمنى ئۆچ كۆر دېسە، شۇنى ئۆچ كۆرىدۇ. نورمال بىر دۆلەتتە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئىنتايىن ياخشى ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر. ئەمما خىتايدىكى بۇنداق قۇللار بولسا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمپېرىئالىستلارنىڭ قەستى، دەپ قارايدۇ. چېقىمچىلىقنى، ئاسىيلىقنى، ھەتتا ئۆز تۇغقانلىرىدىن يۈز ئۆرۈشنى مەدھىيىلەيدۇ.
بۇ خىل كىشىلەر ئۆچ-ئاداۋەت بىلەن تولغان مائارىپ بىلەن تەربىيىلىنىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايغا قارشى. بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئورىسىنى كولاش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، بارلىق ئۆكتىچىلەر ھەممىسى غەربكە سېتىلغان خائىن، ساتقىن. خىتايدا ئەگەر بىر ئايال چەتئەللىككە توي قىلسا، ئۇلار بۇنى بىر مىللىي نومۇس دەيدۇ، ئەمما بىر جۇڭگولۇق ئەر چەتئەللىك ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئاچسا، ئۇ ھالدا بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەللىكلەردىن تارىخى ئۆچىنى ئالغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەتەرلىك قۇللار داۋاملىق ھالدا ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. خىتاي چوقۇم ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشى كېرەك، دەيدۇ. سىز خىتايدا بۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ «ياپونىيىگە بېرىپ بومبا تاشلاپ كېلىمەن، ياپونىيىنى ئۇنداق ۋەيران قىلىپ، تارىخى ئۆچىمىزنى ئالىمەن» دېگىنىنى داۋاملىق ئاڭلايسىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچى نەپرەت بىلەنلا تولغان. بۇ «ۋەتەنپەرۋەرلەر» نىڭ يېرىم ئەسىر ئالدىدىكى «قىزىل قوغدىغۇچىلار» دىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇنداق كۆزى قارىغۇ، ئىچى نەپرەت بىلەن توشقان كىشىلەر نورمال بىر جەمئىيەتتە خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ. ئەمما خىتايدا ئۇلار مەدھىيىلىنىدۇ. ئەتىۋارلىنىدۇ.
4-خىل كېسەللىك بولسا-كۆمۈپ قويغان بومبا خاراكتېرى. خىتايدا ئادەملەر خۇددى كۆمۈپ قويۇلغان بومبىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن يەرگە دەسسەۋاتقان كىشىلەردەك ياشايدۇ، ھېچكىمدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق. چۈنكى، بۇ دۆلەتتە قانۇننىڭ كۈچى يوق. ھۆكۈمەت قانۇننى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ. قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئېنىق چەك-چېگرىسى يوق. مەسىلەن، بىر شەھەردىكى كىچىك دۇكاندارنى مىسالغا ئالايلى، جان بېقىش ھەلەكچىلىكى بىلەن دۇكاندارچىلىق قىلىۋاتقان بىر كىشى ئەگەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خالىغاندەك ئىش قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ دۇكىنى ھەرقاچان تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. سودا-سانائەت ئىدارىسى، باج ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ھەتتا سەھىيە پونكىتىنىڭمۇ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇكىنىنى پېچەتلەش ھوقۇقى بار. ئەھۋال مانا مۇشۇنداق بولغاچقا، ھېچكىم ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزمەيدۇ. ئۇزاقنى ئويلاپ ئىش قىلمايدۇ. دۇكاندار دۇكىنى ئوچۇق ۋاقىتتا ئۇرۇپ-سوقۇپ پۇل تېپىۋالغىنىغا خوش بولۇپ ئولتۇرىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، خىتايدا ھەممە كىشى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدۇ. ھېچكىم ئىش ئەخلاقى، تۈزۈم-پرىنسىپ دېگەننى نەزەرگە ئىلمايدۇ. قىلىۋالغىنىم قىلىۋالغان دەيدۇ، شۇڭا ئەمەلدارلار ئەمەل تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا جېنىنىڭ بارىچە مال-دۇنيا يىغىدۇ، سودىگەرلەر ئىش ئەخلاقى ۋە ئۆلچەملىك تىجارەت قىلىشنىڭ ئورنىغا پۇل تېپىشنىلا ئويلايدۇ. يەتكۈچە پۇلنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنى باشقا يەرگە يۆتكىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا ھارغۇچە خەجلەيدۇ. ھېچكىمنىڭ كەلگۈسى بىلەن كارى يوق.
مانا مۇشۇنداق خەتەر تۇيغۇسى ئاۋام خەلقنى تېخىمۇ ئالدىراڭغۇ، چېچىلاڭغۇ قىلىۋەتكەن. خىتايدا كىشىلەر ئايروپىلان تېخى يەرگە قونماي تۇرۇپلا، يۈك-تاقىلىرىنى ئېچىشقا باشلايدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە كىچىككىنە بىر ئارىلىق بولسىلا، ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي قىسىلىپ كىرىۋالىدۇ. ئۆچىرەت تۇرىدىغان ئىش بولسىلا چوقۇم ئۆچىرەتتە تۇرماي ئالدىغا كىرىۋالىدىغان ئادەم چىقىدۇ. كىشىلەر ئۆز-ئارا ئىشەنمەيدۇ. ھەتتا بىر-بىرىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ. خىتايدا كىشىلەرنىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، تۈزۈمنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە قۇتراتقۇچىلىقى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قۇللۇق مائارىپى، كومپارتىيە ئىدىيىلىرى ۋە ئۆچمەنلىكنى مەركەز قىلغان مائارىپنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ھەتتا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان.
بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.