«كۈزدىكى سۇ ۋە بىپايان ئاسمان» (3)

ئۆكتىچى يازغۇچى خاۋ چۈن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئۇزۇن يىللىق مېڭە يۇيۇش مائارىپىدا يېتىلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراشنىڭ تولىمۇ ساددا، بىر تەرەپلىمە قاراشلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

-خىتايدا كىشىلەر ئازاب چېكىشكە كۆنۈپ قالغان. ئۇلار ئۆزىگە «مەن نېمىشقا ئازاب چېكىمەن» دەپ سوئالمۇ قويمايدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نۇرغۇن ياشلار يېزىلارغا چۈشۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى ھەتتا بىر پۈتۈن ئۆمرى ۋەيران بولغان. ئەمما ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ ئۆزلىرىگە ئازاب تارتقۇزغان كىشىلەرنى مەدھىيىلەيدۇ.

خىتايدا «قۇربانلىق بېرىش، پىداكارلىق قىلىش» دېگەن ناھايىتىمۇ ئالىي، ئېسىل بىر سۆز. لېكىن بۇ سۆزنىڭ مەلۇم بىر دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ. خىتايدا كىشىلەرنى خۇددى قۇربانلىق ھايۋانلاردەك قۇربانلىق بېرىشكە، جېنىنى پىدا قىلىشقا چاقىرىدىغان نۇرغۇن ناخشىلارنى، ھېكايە-ماقالىلەرنى، نۇرغۇن قەھرىمانلار خاتىرىلىرىنى داۋاملىق ئاڭلايسىز. «گۇڭشېنىڭ ياغىچى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، قانداق قىلىمىز؟ جېنىمىزنى پىدا قىلىپ، سۇغا چۈشۈپ سۈزۈۋالىمىز. ئەترەتنىڭ قوي-كالىلىرى قار-بوراندا يوقاپ كېتىپتۇ، قانداق قىلىمىز؟ ئۆزىمىزنى پىدا قىلىپ، ئۇلارنى تېپىپ كېلىمىز.» خىتاي پۇقرالىرى ھازىرغىچە «بىرىنچى، ئازابتىن قورقمايمىز، ئىككىنچى، ئۆلۈمدىن قورقمايمىز» دېگەن شوئارنى يادلاپ يۈرىدۇ. بۇ شۇنداق تىنچ-ئامان دەۋر تۇرسا، سەن ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن قورقماسلىققا چاقىرىپ، زادى نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئۇ ئۆلسە، ساڭا نېمە پايدىسى بار؟ دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئاشۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئىنسانلىققا خىلاپ شوئارلارنىڭ ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

خىتايدا بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان يەنە بىر سۆز بولسا «تۆھپە قوشۇش». ئەگەر كومپارتىيە سېنى كەچكىچە تۆھپە قوشۇشقا، پىداكارلىق قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بولسا، دېمەك ئۇ سەندىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. سېنىڭ تۆھپەڭ، ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشىدۇ. ئەگەر سەن بىر شىركەتتە ئىشلىسەڭ، شىركەت خوجايىنى كەچكىچە ساڭا «پىداكارلىق قىل» دەۋەرسە، ئۇ نېمە دېگىنى؟ «سەن جىق ئىشلە، لېكىن مەن ساڭا ئاز پۇل بېرەي» دېگىنى. ئەگەر بىر دۆلەت كەچكىچە پۇقرالىرىغا «تۆھپە قوش، ئۆزۈڭنى بېغىشلا» دېسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سېنى يۇلىمەن، دېگىنى. ئۇ ھالدا بىرى چىقىپ سورىشى مۇمكىن: «ئادەم دېگەن جەمئىيەتكە نىسبەتەن پىداكار بولمامدۇ؟» دەپ. ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن بىر جەمئىيەتتە ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك بولىدىكەن، پىداكارلىق قىلىشمۇ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدۇ. ئەمما سەن ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى بەرمەي تۇرۇپ، پىداكارلىق تەلەپ قىلساڭ بولمايدۇ‏-دە!

خىتايدا يەنە مۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. بىز تېلېۋىزوردا كەچكىچە دۆلەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئالغان ياكى قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ قويۇلغان بىچارىلەرنىڭ «پارتىيىگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت» دەپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ كىشىلەرنى ئەيىبكە بۇيرۇساق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، خىجىل بولماي ئاشۇ ھەشقاللىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك. ساڭا باج تۆلەۋاتقان پۇقرا ئاشۇنداق جاپا-مۇشەققەتتە ياشىسا، سېنىڭ يەنە شۇلارنىڭ رەھمىتىنى ئاڭلايدىغانغا يۈزۈڭ قانداق چىدايدۇ؟ ھۆكۈمەت دېگەن خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان، ئۇلۇغ، شەرەپلىك بىر ئورگان ئەمەس. ئۇ ئەسلىدە بىز، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن، دەپ سايلاپ، بىز ھوقۇق بەرگەن بىر ئورگان بولۇشى كېرەك. سەن بىر تازىلىقچىنى پۇل بېرىپ ياللىساڭ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا رەھمەت ئېيتامسەن؟ ئۇ ئىشىنى ياخشى قىلمىسىمۇ ماختامسەن؟ ئۇ ئىشىنى ياخشى قىلماي تۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سەندىن مەدھىيە كۈتسە قانداق بولىدۇ. ھۆكۈمەت خەجلىگەن ھەربىر تىيىن دېگەن پۇقرانىڭ يانچۇقىدىن چىقىدىغان تۇرسا، سەن ئاچ ئولتۇرغاندا، ئۇ نەچچە مىڭ كويلۇق ھاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە، نەچچە ئون مىڭ كويلۇق سائەت تاقىسا، سەن يەنە ئۇنى ماختامسەن؟

ھۆكۈمەت دېگەن تەنقىدنى، ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن خىزمەتلەردە خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ. ئادەتتە ئىقتىدارسىز ھۆكۈمەتلەرلا كەچكىچە ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە نەرسىگە ئارىلىشىۋالىدۇ-يۇ، ھېچنېمىنى ئوڭلاپ باشقا ئەپ چىقالمايدۇ. 30 يىلدىن بۇيان خىتايدا ئەلۋەتتە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى. ئەگەر بۇنىڭدا چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تۆھپىسى بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىسى پەقەت ئىقتىسادقا ئاز ئارىلىشىدىغان بوپقالغانلىقىدۇر. 30 يىللىق تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھۆكۈمەت نېمىگە ئاز ئارىلاشسا، شۇ تەرەققىي قىلدى. ئەكسىچە، نېمىگە شۇنچە ئارىلىشىۋالسا، شۇ توپا باسقان پېتى قەپقالدى. خىتايدا نېمىشقا كىنوچىلىق تەرەققىي قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇنى دۆلەت باشقۇرىدۇ. نېمىشقا خىتايدا تېلېۋىزورنىڭ تايىنى يوق؟ چۈنكى ئۇنى دۆلەت باشقۇرىدۇ. نېمىشقا خىتاينىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتچىلىقىدا قولغا چىققۇدەك بىر ئەسەر يوق، چۈنكى ئۇنىڭغا دۆلەت ئارىلىشىۋالىدۇ. نېمىشقا جۇڭگولۇقلار توپ تېپەلمەيدۇ؟ جاۋابى يەنىلا ئوخشاش چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇنى قويۇپ بەرمەيدۇ؟

بۇ ھۆكۈمەت تەنقىدنى قوبۇل قىلمايدۇ، خۇشامەت قىلمىغانغا غەزەپلىنىدۇ. ئۇلار كەچكىچە مەدھىيىلەرنى ئاڭلاشنىلا خالايدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر رېجىم ئاستىدا ئادەتتە «سەلبىي خەۋەرلەر» يوشۇرۇلىدۇ. چەتئەل ئاخباراتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان خەۋەرلەرنى خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئاخباراتلاردا ھەرگىز كۆرمەيسىز. ئەسلىدە «سەلبىي خەۋەرلەر» دېگەن ئۇقۇم ئۆزى بىر خاتا ئۇقۇم. يامان ئىشلارنى خەۋەر قىلىش سەلبىي خەۋەر يازغانلىق بولمايدۇ. ئەسلىدە مانا مۇشۇنداق يۈز بەرگەن يامان ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى تەربىيىلىگىلى، ئۇلارنى ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ تارىخ كىتابلىرىمىزدا خىتايدا يۈز بەرگەن سەلبىي ۋەقەلەر، سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ خاتالىقلىرى، كوللېكتىپنىڭ زىيانكەشلىكلىرى پۈتۈنلەي يوشۇرۇلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىر دۆلەت تارىخىدىكى تەلەيسىزلىكلەر، دەپ قارىلىشى كېرەك. ئەگەر سەن ۋەتەنپەرۋەر بولىدىكەنسەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ پارلاق تەرەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى، جاراھەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك.

بىز داۋاملىق ئۆزىمىزنى، بالىلىرىمىزنى زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن ئۇزاق تۇتۇپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە يالغان بىلەن، ئۆچمەنلىك ۋە ئىنسانلىققا زىت شوئارلار بىلەن تولغان مائارىپتەك بىزنىڭ مىڭىمىزغا قۇيۇلىدىغان بۇنداق زەھەرلەر تېخىمۇ خەتەرلىك.

جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كىشىلەر، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسى قولىدىن كېلىشىچە بۇ سىستېمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق زەھەرلەرنى بالىلارغا ئاز ئۆگەتسە، كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى، دۇكىنىنى ئۆرۈيدىغان، قورساقتىكى بالىلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان دۆلەت كادىرلىرى ئۆزىنى ئەنە شۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئاندىن ھەرىكەت قىلسا ئاندىن جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

قەدىمدە بىر كىشى بىر ئاقىلدىن «قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئاقىل «مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندا» دەپتۇ. ئۇ كىشى يەنە سوراپتۇ «قانداق بولغاندا مېھىر شەپقەتلىك، ئوچۇق -ئاشكارا بولغىلى بولىدۇ؟» ئاقىل «خۇددى كۈزدىكى سۈزۈك سۇ ۋە بىپايان ئاسماندەك بولغاندا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مېنىڭ كۆز قارىشىمچە، ياخشى ئادەم بولۇش دېگەنلىك ئىنسانلىققا ھۆرمەت قىلىدىغان، نومۇسنى بىلىدىغان بولۇش دېگەنلىك، مېھىر-شەپقەتلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش دېگەنلىك دەل، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ ئويلىيالايدىغان، پەزىلەتلىك بولۇش دېگەنلىك. بۇ نەرسىلەر سىزگە مال-دۇنيا ئەكەپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن مانا بۇلار ئادەمنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدۇ.

بىز ھازىر چاڭ-توزانلار كۆك ئاسماننى توسۇۋالغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. سىياسەت مەينەت، ئىقتىساد مەينەت، ھەتتا مەدەنىيەتمۇ چىرىك. بىزنىڭ قەلبىمىز ئەسلىدە خۇددى كۈزدىكى سۇدەك ۋە بىپايان ئاسماندەك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۇ چاڭ ‏-توزان باسقان ئاسماندا ئۇ ئۇنداق ساپ تۇرالمىدى، ئۇ خۇددى ھازىرلا كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر سىز پوچتىدىن ئوت ئالىدىغان نەرسە ئەۋەتسىڭىز، ئۇلار خالتىڭىزغا «كۆيىدىغان ماددا»؛ دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويىدۇ. مەن ئادەملەرگىمۇ چاپلايدىغان ئاشۇنداق بەلگە بولسىدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇ بىزگە يۈرىكىمىزنى، يۈرىكىمىزنىڭ مېھىر-شەپقەتكە، پاكىزلىققا موھتاجلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرغان بولاتتى. بىز يۈرىكىمىزنى چاڭ-توزانغا تولغان ھاۋادىن قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇ خۇددى كۈزدىكى سۇدەك، بىپايان ئاسماندەك بولۇشى كېرەك.

بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت