كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلايدۇ

18-ئىيۇل خوتەندە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلدى.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە بەرگەن تەبىرلىرى ئىككى قېتىم ئۆزگەردى. ئالدىنقى كۈنى « زوراۋانلىق ھەرىكەت» دەپ كۆرسىتىلگەن ۋەقە بۈگۈن «تېررورلۇق» دەپ بېكىتىلدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى بۇرمىلاپ، خەلقئارانى ئالداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

بۇ ھەقتە تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئۆز كۆز قاراشلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى بەزى قاتتىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.