ئاپتور بۇ ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان،خىتاي جەمئىيىتىدىكى بىر قانچە ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنى تەھلىل قىلىدۇ. Lawrence Solomon ئەپەندى بۇ ماقالىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش ھارپىسىدىكى ۋەزىيەت بىلەن ئىجتىمائىي داۋالغۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان خىتايدىكى قاتتىق قول سىياسەتلەر، پارىخورلۇق، بايلىقلارنىڭ تۈلكە تەقسىماتى پەدىسىدە تەقسىم قىلىنىشى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرىدۇ.
يازغۇچى بۇ ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ 1975-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىككى ئاي زىيارەت قىلىش پۇرسىتى جەريانىدا،ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە، چەتئەللەردىكى داۋراڭلار بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەنلىكى، يەنى ئۇنىڭ تېشى پال-پال كۆرۈنسىمۇ، ئىچىنىڭ غال-غال ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ: "ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ شەھەرلىرى- كۆرۈنۈشتە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھازىرقى شەھەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە زامانىۋى ئىدى. ئەمما، شەھەرنىڭ ئاۋات مەركىزىدىن 20 مىنۇتلا يول ماڭسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزغا، باشقا بىر غېرىبانە دۇنيا نامايان بولاتتى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى چاغدا، ئالەم بوشلۇقىغا ئاياق باسقانلىقى ۋە باشقا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۇقرالىرىنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش تەلەپلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىغانىدى،"دەپ يازىدۇ.
Lawrence Solomon ئەپەندى ماقالىسىدە، بۈگۈنكى خىتاينى يىمىرىلىش ھارپىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ: "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى سىستېمىسى 1990-يىلى ئۇ غۇلاپ چۈشكەنگە قەدەر غەربلىكلەرنى كولدۇرلاتتى.
ئۇ يىمىرىلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن غەربلىكلەر ئۇنىڭدىكى پۈتۈن زىددىيەتلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۈگۈنكى خىتاي ئىقتىسادى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغ مەغلۇبىيەتلىرى بولغان ئاخىرقى كۈنلىرى بىلەن پاراللېللىققا ئىگە. ھەتتا بەزى نۇقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى مۇقىملىقى- زاۋاللىققا يۈزلىنىش ھارپىسىدىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇقىمسىزلىقلاردىنمۇ كۆپ خەتەرلىك "دەپ يازىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە، نۆۋەتتە خىتايدىكى باي-كەمبىغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي زىددىيەت بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەھۋاللارنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ: "خىتايدىكى بۈگۈنكى نامراتلىق، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نامراتلىقتىن ئېغىر.
سان جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. بىر مىليارد 300 مىليونلۇق نوپۇسنىڭ بىر مىلياردىنى نامراتلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ھەممە ئادەم نامرات ۋە دەردى ئوخشاش بولۇپ، ھۆكۈمەت باي-كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، نارازىلىقىمۇ ئاساسەن يوق ئىدى. خىتايدا بولسا، ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغۇچىلار ساماندەك كۆپ.
نۆۋەتتە 300 مىليون كىشى بايۋەچچىلەر سىنىپىنى تەشكىل قىلماقتا. بۇ بايۋەچچىلەر سىنىپىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 500 مىڭ ئەتراپىدا مىليونېر، 200 مىلياردېر بار. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىدۇر. بۇ بىر مىليارد نامرات ئىنسان 300 مىليون بايۋەچچىنىڭ بايلىقىنىڭ قانۇنسىز يوللاردىن كەلگەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ" دەپ يازىدۇ.
Lawrence Solomon ئەپەندى ماقالىسىدە، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك پارىخورلۇقنىڭ يېڭى بايۋەچچىلەر سىنىپىنى پەيدا قىلغانلىقىنى،سۈنئىي ئۇسۇلدا مەيدانغا كەلگەن بايۋەچچىلەر سىنىپى بىلەن نامراتلار سىنىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۆپ ئىنسان بىردىنلا بايۋەچچىلەردىن بولۇپ قالدى" دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ،"چۈنكى بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ بايلىقى پارىخورلۇقتىن كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 20 يىلنىڭ ئالدىدا "بېيىش شەرەپلىك" دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قانۇنسىز كاپىتالىزمغا يېشىل چىراغ ياققان ئىدى. خۇسۇسىلاشتۇرۇش قالپىقى ئاستىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەددى-جەمەتلىرى دۆلەتنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنىڭ مېغىزىنى چاقتى ياكى بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى زىيادە ئالدى ھەم بۇ بايلىقلارنى يېقىن-يورۇقلىرىغا ئىقتىسادىي مەنپەئەت قارشىلىقىدا ساتتى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. تۈزۈلمە خاراكتېرلىك پارىخورلۇق بىلەن جامائەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان پارىخورلۇق، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا يامرىدى، ھەتتا ئەڭ سوكال ئەمەلدارلارمۇ مال- دۇنيالىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى "دەپ يازىدۇ.
كانادالىق يازغۇچى Lawrence Solomon "دۆلەت پوچتىسى" گېزىتىدىكى بۇ ماقالىسىدە، بايۋەچچىلەرنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا ئۇچرىغان نامراتلار سىنىپىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاخىرى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "ئەگەر پارىخورلۇق توختام ئارقىلىق، دوست-يارەنلىرىگە ھۆكۈمەت كانلىرى،ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى سوغا قىلىش ۋە ئومۇمنىڭ مۈلۈكلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسا، نامراتلار ئۆزلىرىنىڭ نېسىۋىلىرىگە بايۋەچچىلەرنىڭ سوغۇق قولى تەگكەنلىكىدىن نارازى بولۇپلا، بولدى قىلغان بولار ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە،خىتايدىكى بۇ پارىخورلۇق بىر مىليارد نوپۇس ئىچىدىكى نامراتلارنى ئۆي-ماكانلىرى ۋە تىرىكچىلىك يوللىرىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىنىمۇ نابۇت قىلدى "دەپ يازىدۇ.