زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى ئىشلەتكەن لەڭپۇڭچى بىلەن سۆھبەت

12 كىشىنىڭ ئۆلۈمى، يۈز نەچچە كىشىنىڭ زەھەرلىنىشى 27 مىڭ نوپۇسلۇق سانجۇ يېزىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولىمۇ زور ۋە پاجىئەلىك بىر ۋەقەدۇر. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، يېزا بازىرىدىكى مۇتەللىپ بەردى ئىسىملىك بىر لەڭپۇڭچىدىن لەڭپۇڭ يىگەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاچچىقسۇ ئالغان. بۈگۈن مۇخبىرىمىز مەزكۇر لەڭپۇڭچى مۇتەللىپ بەردى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ۋەقەنىڭ شۇ كۈنكى جەريانى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

0:00 / 0:00

مۇتەللىپ بەردىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دۇكىنىنى چۈش سائەت 11 - 12 مەزگىلىدە ئاچقان. سائەت 6 مەزگىلىدە ئىشلىتىۋاتقان ئاچچىق سۈيى ئاخىرلىشىپ، بازاردىكى يېمەك - ئىچمەك توپ تارقىتىش مەركىزىدىن 20 كىلو ئاچچىقسۇ ئەكەلگەن ۋە كەچ سائەت 10 غا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 200 ئەتراپىدا كىشىگە لەڭپۇڭ ساتقان. ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئەكەلگەن ئاچچىقسۇنى ئىشلەتكەن لەڭپۇڭنى يېگەن خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زەھەرلەنگەن. مۇتەللىپ بەردىنىڭ ئاتىخان ئىسىملىك بىر تۇققىنىمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. شۇ بازاردا خوشاڭ سېتىۋاتقان توختىخان، مۇتەللىپ بەردىدىن ئاچچىقسۇ ئېلىپ خوشاڭ يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇمۇ زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. مۇتەللىپ بەردى ئۆز خېرىدارلىرىغا، يېقىنلىرىغا ۋە تۇققانلىرىغا ئۆز قولى بىلەن زەھەر تارقاتقانلىقىنى ئەتىسى ئەتىگەندە يېزىنىڭ ساقچى خادىملىرى ئىشىكى تۈۋىدە پەيدا بولغاندىلا بىلگەن. ئۇ جاۋابكار گۇماندارى سۈپىتىدە يېزىلىق ساقچىخانىدا 2 كۈن، ناھىيىلىك قاماقخانىدا 30 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ كېپىللىككە قويۇۋېتىلگەن، تىجارەتتىن توختىتىلغان. بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.