لاي چاڭ مەسىلىسى كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كانادانىڭ لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
كانادا فېدەرال سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، لەي چاڭشىڭ ھەققىدىكى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقاردى.بۇ ھۆكۈمدە لەي چاڭشىڭ كانادا قېلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس ۋە ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا، ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى، تەن جازاسى بەرمەسلىك ۋە ئادىل سوت ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى كاپالەتلىرىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ، دېيىلگەن.
لەي چاڭشىڭنىڭ فېدەرال سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش بۇيرىقىغا قارىتا نارازىلىق ئەرزىنىڭ رەت قىلىنىشى،ئۇنىڭ كانادادا قېلىش ئۈچۈن قانۇن يولى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىگە خاتىمە بېرىلگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ 12 يىلدا ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش تەلەپلىرىنى كانادانىڭ ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلدى. تېخى يېقىندىلا فېدەرال سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلەش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغانىدى. ئۇ ئالدىمىزدىكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە، خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ.
1999-يىلى كاناداغا قېچىپ كەلگەن لەي چاڭشىڭ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشىنىڭ سىياسىي قۇربانى بولغانلىقىنى، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا،ئۇنىڭ ئەتكەسچىلىك ۋە پارا بېرىش يوللىرى ئارقىلىق، 80 مىليارتتىن كۆپ خىتاي پۇلى قانۇنسىز كىرىم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئەتكەسچىلىك ۋە پارىخورلۇق دىلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇلار كانادا دائىرىلىرىدىن لەي چاڭشىڭنى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، تالاي قېتىم تەلەپ قىلدى.كانادا ھۆكۈمىتى كانادانىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، لەي چاڭشىڭنىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈمەت ئەمەس، كانادا سوت مەھكىمىسى قارار بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانىدى.
لەي چاڭشىڭ ھەققىدىكى بۇ ھۆكۈم كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاي زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. مىنىستىر جوھن بائىرد بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، كانادا بىلەن خىتاي ئەمدى بۇنىڭدەك ئەتكەسچى جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا سوت مەھكىمىنىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە لاي چاڭشىڭنىڭ ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ئامىللار سەۋەبىدىن،لاي چاڭشىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، چوقۇم تەن جازاسى ياكى خورلۇقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:
«خىتاي كوممۇنىستلىرى تەن جازاسى بېرىشتە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.ئۇلار تەن جازاسىنى چەكلەيدىغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىنى ئىمزالىغان بولسىمۇ،لېكىن بۇنى زادىلا ئىجرا قىلغىنى يوق.ئەكسىچە كۆپلىگەن دىلولاردىن، تەن جازاسىنىڭ كەڭ دائىرىدە يۈرگىزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۆۋەتتە كانادا دائىرىلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىۋاتىدۇ.لەي چاڭشىڭنىڭ تەقدىرى تۈرمىدە سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە بوغالتىرى بىلەن ئوخشاش بۆلىشى مۇمكىن.» دەيدۇ.
فېدەرال ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتى بولسا،كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ لەي چاڭشىڭ ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققانلىقى،ئۇنىڭ خەتەرگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقى ۋە ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكى،خىتايدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچە، دىنىي ئازسانلىقلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەر ئىكەنلىكى،ئادەتتە دەلىل-ئىسپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقى،ئەمما لەي چاڭشىڭ دىلوسىدىكى دەلىللەرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئالا-بۇرۇنلا توپلۇنۇپ بولۇنغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتىغا كانادانىڭ ئارىلىشىدىغانلىقىنى،ئەسكەرتتى.
داۋىد ماتاس لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايدا ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ لەي چاڭشىڭ دېلوسىنى داغدۇغا قىلىش قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ چىرىك-پارىخورلىقىنى ياپماقچى ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقنى باسماقچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:
«خىتاي كوممۇنىستلىرى چىرىكلىكنىڭ پاتقىغىغا قولىقىغىچە پاتتى.ئۇلار سايلام بىلەن ھاكىمىيەتكە كەلگەن ئەمەس.خەلق پارىخور-چىرىك كوممۇنىست ئەمەلدارلارنى ئەيىبلىمەكتە ۋە ئۇلاردىن قاتتىق نارازى بولماقتا.خىتاي كوممۇنىستلىرى لەي چاڭشىڭدەك بىر شەخسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ چىرىكلىككە-پارىخورلۇققا قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق،خەلقنىڭ غەزىپىنى باسماقچى ۋە خەلقنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارغا بولغان دىققەت-نەزىرىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى» دەيدۇ.
سىياسىي مۇلاھىچىلەر،خىتاينىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى جاڭ زېمىن سېكراتتا چۈشكەن بىر ۋاقىتتا، لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايغا قايتۇرىلىشى خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا، مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكىلەرنىڭ ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن لەي چاڭشىڭ 80-يىللاردىن 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئەتكەسچىلىك،پارا بېرىش ۋە باشقا غەيرىي يوللار ئاتالمىش سودا قىلىپ بېيىغان.
بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ قولى خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىغىچە يەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ھازىرقى خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن جيا چىڭلىن، خە گوچياڭ ۋە شى جىنپىڭ قاتارلىقلار فۇجيەن ئۆلكىسى ۋە شيامەن شەھەرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ،لەي چاڭشىڭ ئۇلار بىلەن ناھايىتى يېقىن ۋە سىرلىق مۇناسىۋەتلەردە بولغان.
بۇ ئۈچەيلەن جياڭ زېمىن گۇروھىنىڭ ئادەملىرى بولۇپ، ئەگەر لەي چاڭشىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ، بۇ سىرلىق مۇناسىۋەتنى ئاشكارىلىسا، خۇ جىنتاۋ گۇروھىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن. خۇ جىنتاۋ جياڭ زېمىننىڭ ئادىمى بولغان شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىزباسارلىق ئورنىنى بىكار قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇ، شى جىنپىڭدىن كېيىن خىتايدا ھاكىمىيەتنى باشقۇرىدىغان ئىزباسارنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.