1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە زىيانكەشلىك قىلغان چارلېس تايلور ئۈستىدىن چىقىرىلغان بۇ قارار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى مەمنۇن قىلدى. ئۇلار بۇنى دۇنيادىكى باشقا دېكتاتور لىدىرلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى، دەپ قارىماقتا. تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئۆز مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
غەربىي ئافرىقا قىرغاقلىرىغا جايلاشقان لىبىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى چارلېس تايلور ھەققىدە 5 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان داۋا ئالدىنقى كۈنى ئاياقلاشتى. ب د ت غا قاراشلىق ئۇرۇش جىنايىتى مەھكىمىسى چارلېس تايلور ئۈستىدىن ئېچىلغان 11 داۋانى كۆرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بۇ داۋالارنىڭ ھەممىسىدە جاۋابكارلىقى بارلىقىنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن چارلىس تايلور، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگۈچى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىسى دېگەن جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىندى. بۇ، 1946 - يىلى ناتسېست گېرمانىيىسىنى بىر مۇددەت باشقۇرغان ۋە ئادولف گېتلىرنىڭ سادىق ھەمراھى بولغان كارىل دونېتىزدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ جازاغا تارتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
چارلېس تايلور لىبىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشنا دۆلىتى بولغان سېررا لېئوندا 1991 - 2002 - يىللىرى ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەندە ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قوراللىق كۈچلەرگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. تايلور ئەينى چاغدا ئىچكى ئۇرۇشتا ئادەم ئەپ قاچقان، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان «بىرلەشمە ئىنقىلاب فرونتى» ئىسىملىك تەشكىلاتنىڭ جىنايەتلىرىنى يېقىندىن قوللىغان ۋە ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىگە مال - دۇنيا يىغقان. بىرلەشمە ئىنقىلاب فرونتى ئىسىملىك بۇ تەشكىلات ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە خەلقنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ قول ۋە پاچاقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولۇپ، سېررا لېئوندا 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ۋەھشىي جىنايەتچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.
چارلېس تايلور گەرچە يۇقىرىدىكى تەشكىلاتنى بىۋاستە باشقۇرغان كىشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ تەشكىلات قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنى قوللاشنى ۋە ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى داۋام قىلغانلىقتىن، مەھكىمە، ئۇنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتا ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى قارار قىلغان.
چارلېس تايلور ئۆزىمۇ ئىلگىرى پارتىزان لىدىرى بولغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ 1997 - يىلى لىبىرىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 2003 - يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا نېگىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن داۋا ئېچىلغان. 2006 - يىلى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان چارلېس تايلورنىڭ ئېغىر قاماق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم.
چارلېس تايلور ھەققىدىكى قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات بېرىپ، قارارنى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ قارار ئوخشاشلا لىبىرىيە خەلقىنى ۋە شۇنداقلا قوشنا دۆلەت سېررا لېئوندىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنى خۇشال قىلدى. ئۇلار بۇنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ غەلىبىسى، دەپ كۆرسەتتى. چارلېس تايلورنىڭ بۇ جىنايىتى سەۋەبىدىن قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى 30 - ماي كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «تايلور دېلوسى ھېچىكىمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى» دېدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : «سوت قارارى ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا شۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، مەيلى سەن كىم بول، ياكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەن ئادالەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى باياناتلىرىدا، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خەلققە زۇلۇم قىلىۋاتقان دۆلەت لىدىرلىرىنى بۇ جىددىي بىر سېگنالدىن ئويغىنىپ، توغرا يول تۇتۇشقا چاقىردى. ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 خىتاي ئەمەلدارى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. باش شتابى ئىسپانىيىدىكى «كاسادېل تىبەت فوندى جەمئىيىتى» خىتايدىكى بۇ
ئەمەلدارلارنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىدى، دەپ ئەيىبلەپ، ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىغا ئەرز سۇنغان. سوت بۇ ئەرزنى كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەن ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى قاتارلىق 8 ئەمەلدارنى سوتقا چاقىرتقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىدىكى ياخشى بىر باشلىنىش، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي سوتلار، خەلقئارا قانۇندىكى ئۇنىۋېرىسال سوراق ھوقۇقى پرىنسىپىغا ئاساسەن، تېررورلۇق، تەن جازاسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىلدىكى قارار خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئوخشاش رولغا ۋە كۈچكە ئىگە. ئىسپانىيە سوتىنىڭ يۇقىرىقى 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى سوتقا تارتىش ھۆكۈمىمۇ، خەلقئارا قانۇندىكى ئۇنىۋېرىسال سوراق ھوقۇقى پرىنسىپىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلەردە، سوتچى پەدراز مەزكۇر خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىسپانىيىگە ئەكەلدۈرۈپ سوراق قىلىشى ياكى خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە سوراق قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.