خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى پارچىلاپ بۇلايدىغان يېڭى سىياسەت
تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا يېقىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يېڭى سىياسىتى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يېڭى سىياسىتى ئەمەلىيەتتە بارچە ھېلە - مىكرىنى مۇجەسسەملەپ قايتىدىن پەدەزلەپ يېڭى نام قويغان كونا مۇستەملىكىچى سىياسەت.
پارتكوم سېكرىتارىنىڭ قاتىل ئوبرازىنى رەھىمدىل ئوبرازغا ئالماشتۇرغانلىقى بىر ھېلە
لىن باۋخۇا نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى، ھېلە - مىكرلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇجەسسەملەپ، قايتىدىن پەدەزلەپ چىقىپ، ئۇنى يېڭى سىياسەت دەپ ئاتاپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە تولۇق ئاشكارىلىدى. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇ يىل 4 - ئايدىلا پارتكوم سېكرىتارىنىڭ قاتىل ئوبرازىنى رەھىمدىل ئوبرازغا ئالماشتۇردى. ئەمما قاتىل ۋاڭ لېچۇەن ھازىر يەنىلا بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتىدا تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن نامدىكى قىرغىنچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ھازىر رەھىمدىل دېگەن ماركا چاپلانغان جاڭ چۈنشەن بولسا، خۇنەندە سىلىق ۋاستە بىلەن قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزگەن ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ھازىر خىتاينىڭ تىبەتتە قوللىنىۋاتقان سىلىق سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى، تىبەتتە ئاقمايۋاتقان سىياسەت.
19 ئۆلكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىشانلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دېگەن يېڭىچە بۇلاڭ - تالاڭ
لىن باۋخۇا نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىككىنچى قەدەمدە بېيجىڭدا مەركىزى كومىتېتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى نى ئېچىپ، 19 ئۆلكە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىشانلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سىياسەتنى، دېڭ شاۋپىڭنىڭ سىياسىي مەسىلىنى ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەنى پۇل بىلەن ھەل قىلىش نەزىرىيىسىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن دەپ جاكارلىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن بۇرۇن جاڭ زېمىننىڭ، بۇ نەزىرىيىگە ئاساسەن تۈزگەن ئۇيغۇرلارغا جان ساقلاش ھوقۇقىنىلا بېرىش، مۇستەقىللىق دەۋاسىنى يوق قىلىش دېگەن سىياسىتى مەغلۇپ بولغان ئىدى. خىتاي بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈزگەن ئون توققۇز ئۆلكە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دەپ ئاتالغان سىياسەت، توغرىسىنى ئېيتقاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر خىتايغا قوللانغان ئۆزىگە ئىشىك ئاچقۇزۇش، پارچىلاپ تالا - تاراج قىلىش سىياسىتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى. يەنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى پارچىلاپ بۆلىۋېلىپ، تالان - تاراج قىلىدىغان سىياسەت. بۇ سىياسەت بۇيىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياردەم قىلدۇق دېگەن پۇل، يەنىلا خىتايلارنىڭ يانخۇقىغا كىرىدۇ.
سانغا قاراپ باج تۆلەش دېگەننى باھاسىغا قاراپ باج تۆلەش كە ئۆزگەرتكەنلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىق ئەمەس
لىن باۋخۇا نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى مول بولغانلىقى، مەسىلەن، كۆمۈر زاپىسى خىتايدىكى پۈتۈن كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40% نى، نېفىت زاپىسى 31%نى، تەبىئىي گاز زاپىسى 34% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇ ئېنىرگىيە يېتىشمەيدىغان خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. خىتاي بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان يېڭى سىياستى دە باج ئىسلاھاتى قىلدۇق دەپ، پەقەت سانغا قاراپ باج تۆلەش دېگەن گەپنى باھاسىغا قاراپ باج تۆلەش دېگەنگە ئۆزگەرتتى، خالاس.
بۇ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىق ئەمەس، چۈنكى باھانى خىتاي ئۆزى بەلگىلەيدۇ، يەنىلا تەبىئىي بايلىق ئىگىلىرىگە ھېچنېمە تەگمەيدۇ. بۇ يەنە بىرخىل بۇلاڭچىلىق. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتىنى بۇلاپ كېتىپ، بۇ قەرزنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى تۆلىمەكچى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر مۇستەملىكىچىلىك.
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ئۆچمەنلىكنى پەسەيتىشكە ئاز دېگەندە 40 يىل كېتىدۇ
لىن باۋخۇا نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكالىغاندىن كېيىن، 10 نەپەر تېررورچى قولغا ئېلىندى، پارتلىتىش ئەسلىھەلىرى ئولجا ئېلىندى دەپ جاكارلىدى، كامبودژادا جېنىنى باقالمىغان بۇ مۇساپىرلار، شۇ جايدا تۇرۇپ بومبا ياساپتىكەنمۇ؟ بۇنىڭ پاكىتى قېنى؟ خىتاي مۇشۇنداق يالغان گەپ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى زۇلۇمنى كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، پاش قىلمايدىغان قىلىش. ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ئۆچمەنلىكنى پەسەيتىشكە، ئاز دېگەندە 40 يىل كېتىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.