خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت

يېقىندا ياپونىيىدە ئالاھىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى ياپونىيىدىكى كۈنلىرىدە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى بەزى بىر قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.12.22
lin-bawxwa-baohua-uyghur-qurultay-305.jpg لىن باۋخۇا ئەپەندى(سولدىن بىرىنچى) ۋە ئۇنىڭ خانىمى(ئوڭدىن بىرىنچى) 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن. 2012-يىلى ماي، توكيو.
Lin baohua ependining xanimi Yang mali teminligen


لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي يازغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ تەيۋەندە تۇنجى قېتىم «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى»نى قۇرغان ۋە ئۆزى رەئىس بولغان. بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدە خىتاينىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ھاكىمىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت، ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاق كېڭىشىنىڭ رەئىسى تىبەتلىك پىما گارپۇ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەركىن ئىتتىپاق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دايچىنلار بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

تۆۋەندە بىز لىن باۋخۇا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن،خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.