لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن يازغۇچى لىن باۋخۇا ئەپەندى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا.

0:00 / 0:00

لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلغان 4-قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى. 9-ئىيۇن كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگىدا «توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەسىراتلار» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ماقالە تور بېكەتلىرىگە كۆچۈرۈلۈپ بېسىلىپ ئىنكاس قوزغىدى. بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان يازغۇچى لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن بىرى. لىن باۋخۇا ئەپەندى 2000-يىللاردىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان «تارىخنى بۇرمىلاپ، رېئاللىقنى پەردازلاش»، «1949-يىلدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شىنجاڭ»، «شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەڭ يېقىنقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە»، قاتارلىق ماقالىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن.

لىن باۋخۇا ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 9-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىنغان «توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەسىراتلار» ناملىق ماقالىسى ھەم يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى.

لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەسىراتلار ناملىق ماقالەمدە، ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا سەۋەب بولغان بەزى سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ماقەلەمدە بايان قىلغىنىمدەك، ئالدى بىلەن مېنىڭ بۇ يىللاردا چەتئەللەردە باشتىن كەچۈرگەن سەرگەردانلىق ھاياتىم مېنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاسارىتى ئاستىدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ھېس قىلالىشىمغا سەۋەب بولغان 1-ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ 2001-يىلى يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا تالىبانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى قاتارلىق ئامىللار مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىشىمگە سەۋەب بولدى دېيىشكە بولىدۇ.»

لىن باۋخۇا ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن مانجۇ مىللىتىنىڭ ئەۋلادى بولۇشتەك قىسمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى. مېنىڭ يېرىمىم مانجۇ. مەن خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن مانجۇ مىللىتىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىمەن. ئەمما مانجۇلارنىڭ خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىدىكى سەۋەب بىلەن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەينى يىللىرى مانجۇلار خىتاي مىللىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ئەمما ھازىر خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ مىللەتنىڭ بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋالغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇرلار رايونىغا بېسىپ كىردى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرمىدى. مانا بۇلار مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل.

لىن باۋخۇا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەسىراتلار» ناملىق ماقالىسىدە، «2009-يىل ياز پەسلىدە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان 5-ئىيۇل نارازىلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى توقۇنۇشتا ئۆلگەن خىتايلار سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى«دېگەن بايانلارنى بەرگەن.

لىن باۋخۇا ئەپەندى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇشى ھەم مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى 5-ئىيۇل كۈنى تىنچلىق بىلەن نارازىلىق نامايىشى قىلدى. ئەمما خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقىن قىلىپ ئۇلارغا ئوق چىقاردى. نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ھەم ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوننى قامال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاشكارا ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.ئەمما شۇ كۈنلەردە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇ سان ئېنىقلانسا پەقەت 5-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەپلىكلا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانى ئەلۋەتتە 5-ئىيۇل كۈنىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

زىيارىتىمىز جەريانىدا لىن باۋخۇا ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە بولغان قاراشلىرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ توختالدى. پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىمىز.