لىن باۋخۇا: كوممۇنست ساقچىلىرىنى خىتاي ئۆلتۈرسە قەھرىمانلىق بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆلتۈرسە تېررورچىلىق بولامدىكەن؟

تەيبېي شەھىرىدە تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ھەر ساھە تەيۋەن خەلقى 8 ‏ - ئاينىڭ 7 ‏ - كۈنى كەچتە ئەركىنلىك مەيدانىغا توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ ئۆتكۈزگەن نامايىشتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ سۆز قىلغان.

0:00 / 0:00

'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ تېررورچى'

لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئېزىشىگە، زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر ياكى كىشىلەر توپىنىڭ ۋەكىللىرى تەيۋەندە سۆزلەۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن تېخى بىرەرسى چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرالمىغانلىقتىن، تەيۋەندىكى بەزى گۇپپاڭچىلار، ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا 'تېررورچى' ۋەھاكازا دەپ ھاقارەتلەۋاتقان ئەھۋالنى نەزەردە تۇرۇپ، نامايىشتا قىلغان سۆزىنى، 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ تېررورچى، شىنجاڭ خەلقى ئۇنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغانلىقتىن قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شىنجاڭدا قىرغان ئۇيغۇرنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ 'دەپ باشلىغان.

'ئۇيغۇرلار كوممۇنىست پارتىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ'

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندە بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاستىلىرى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇلار ئادەتتە كوممۇنىست پارتىيىگە يان باسىدۇ. بۇ ھەققانىيەتسىزلىك، بۇنى چۇقۇم ئېچىپ تاشلاش كېرەك، ئۇلارغىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

شۇڭلاشقا لىن باۋخۇا ئەپەندى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ 'كوممۇنىست پارتىيە شىنجاڭ خەلقىنى قاتتىق ئېزىۋاتىدۇ. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتاپ خالىغانچە ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، جازا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ' دېگەن.

'شاڭخەيدە ياڭجې دېگەن كىشى كوممۇنست ساقچىلىرىدىن 6 نى ئۆلتۈرسە، سىلەر ئۇنى قەھرىمان دېدىڭلار'

'لىن باۋخۇا ئەپەندى سۆزىدە يەنە 'ئېيتىڭلارچۇ، شاڭخەيدە ياڭجې دېگەن كىشى كوممۇنست ساقچىلىرىدىن 6 نى ئۆلتۈرسە، سىلەر ئۇنى قەھرىمان دەپ مەدىھىيىلىدىڭلار، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاش كوممۇنست ساقچىلىرىنى ئۇيغۇر ئۆلتۈرسە، سىلەر ئۇنى تېررورچى دەيسىلەر؟ خىتاي قىلغان ئىش قەھرىمانلىق بولۇپ، ئۇيغۇر قىلغان شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش تېررورچىلىق بولامدىكەن؟ ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن قورال ناھايىتى ئاددى، ياكى راكېتا بىلەن ئاتماپتۇ.

خىتايلارمۇ پارتلاتقۇچ دورا بىلەن پارتلىتىۋاتىدىغۇ؟ بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن شىجاجۇاڭدا جىن فامىلىلىك بىر كىشى بىر نەچچە بىنانى بىراقلا پارتلىتىپ ۋەيران قىلمىدىمۇ؟ ئۇيغۇرلار كۆرسەتكەن قارشىلىق ئۇنىڭ ئالدىدا بەكلا كىچىك ئىش' دېگەن.

'ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاۋېرىڭلار دەيدىغان بۇيرۇقى بولمىسا، ساقچىلار شۇنداق قىلالامدۇ؟ '

لىن باۋخۇا ئەپەندى سۆزىدە يەنە 'ئۈرۈمچىدە كوممۇنىست ساقچىلىرى مىلتىق بىلەن بىراقلا 5 ئادەمنى ئېتىپ تاشلاپ، كەينىدىن ئۇلارنىڭ يېنىدىن پىچاق چىقتى، دېدى. شۇمۇ پەقەت پىچاقكەنغۇ، مىلتىق ئەمەسكەن. بانا تاپىمەن دېسە پىچاق دېگەن ھەممە جايدا تېپىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ خالىغان ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاۋىرىڭلار دەيدىغان بۇيرۇقى بولمىسا، ساقچىلار شۇنداق قىلالامدۇ؟ سەن ئېتىپ تاشلىساڭ بولىدىكەن ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتسە بولمامدىكەن؟'دېگەن.

بۇ نامايىشتا لىن باۋخۇا ئەپەندىگە سۆزلەشكە بېرىلگەن ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، ئۇ سۆزىنىڭ تۇلۇق تېكىستىنى بۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلدى. ئۇ 'ئۇيغۇرلار كوممۇنىست پارتىيىگە قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە مەجبۇر بولماقتا' دېگەن ماقالىسىدا، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق قىلغان پاكىتلارنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

لىن ئەپەندى ماقالىسىنى خۇجىنتاۋنىڭ 'ئىناق جەمئىيەت قۇرىمىز'، 'بىر دۇنيا بىر ئارزۇ' دەۋاتىدۇ، ئەمما ئازا سانلىق مىللەتلا ئەمەس، خىتاي خەلقىنىڭمۇ ئارزۇيى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر ئەمەس، دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.