شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتايچە چىقىدىغان گېزىتلەردە، بۈگۈنمۇ "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" دېگەن كىتابنىڭ خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر ئوبزورلار ئېلان قىلدى. "تۈۋىتېر"، "فېيسبۇك" دەپ ئاتىلىدىغان تور سەھىپىلىرىدە بولسا، بۇ ھەقتىكى باھا ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپ. ئەمما خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە يا خىتايچە، يا ئىنگلىزچە سەھىپىلىرىدە ھېچقانداق خەۋەر ياكى ئوبزور ئېلان قىلمىدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تەسىس قىلغان ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىپ، "تيەنئەنمېن" دېگەن تور بېتىنى توسۇۋەتتى.
"لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" خوڭكوڭدا سېتىلىشقا باشلىدى
خوڭكوڭدا ئىنگلىزچە چىقىدىغان "جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى" گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" دېگەن 279 بەتلىك خىتايچە كىتاب ھازىر خوڭكوڭدا سېتىلىشقا باشلىدى.
روبېرت سايگېت: لى پېڭ ئەمدى 81 ياشقا كىرگەندە كىتاب يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىيالمايدۇ
فرانسىيە يازغۇچىسى روبېرت سايگېتنىڭ "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى " دېگەن كىتابنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى كۆرۈشكە ياردىمى بار" سەرلەۋھىلىك ئوبزورى ماكاۋدا ئېلان قىلىندى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىك ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرغان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان لى پېڭ، ئەمدى 81 ياشقا كىرگەندە كىتاب يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىيالمايدۇ.
خۇ جىنتاۋ "بۇ كىتابنىڭ ئاشكارا نەشر قىلىنىشىغا قوشۇلمايمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن پوكوڭ "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" دېگەن كىتابنىڭ تۇلۇق تېكىستىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يازغان ئوبزورىدا بايان قىلىشىچە، لى پېڭ دەسلەپتە "ھەل قىلغۇچ پەيت" دەپ نام قويۇپ يازغان بۇ كىتابىنى، 2004 - يىلى خوڭكوڭدا نەشر قىلدۇرماقچى بولۇپ، كىتاب تېكىستىنى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروغا يوللىغان. خۇ جىنتاۋدىن "بۇ كىتابنىڭ ئاشكارا نەشر قىلىنىشىغا قوشۇلمايمەن" جاۋاب كەلگەن.
بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەندە ئىنتېرنېتتە تارقىلىپ كەتكەن
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىگەن لى پېڭ ئۆزى كىتاب نەشر قىلماقچى بولغاندا، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى چەكلىنىپ قېلىپ، كىتابىنى ئالتە يىلغىچە نەشر قىلدۇرالمىغان. خوڭكوڭدىكى يېڭى ئەسىر نەشرىياتى ئاخىر، باشقىلار تەرىپىدىن "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" دەپ نام قويۇلۇپ نەشرگە تەييارلانغان بۇ كىتابنىڭ تۇلۇق تېكىستىنى، ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەندە ئىنتېرنېتتە تارقىلىپ كەتكەن.
بۇ كىتاب راست، ئەمما ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، "لى پېڭنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرىسى" دېگەن بۇ كىتابنى، ئەينى ۋاقىتتا لى پېڭنىڭ ئەشەددىي سىياسىي رەقىبى بولغان باش سېكرېتار جاۋزىياڭنىڭ كاتىپى باۋتوڭنىڭ ئوغلى نەشرگە تەييارلىغان. لى پېڭ گەرچە ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆز قىلىشىغا يول قويغان. بۇ كىتاب راست، ئەمما ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن. چۈنكى لى پېڭ بۇ كىتابىدا، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ سىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن جاڭ زېمىن تۈرمىگە سولىۋەتكەن ئەينى ۋاقىتتىكى بېيجىڭنىڭ شەھەر باشلىقى چېن شىتوڭنىڭ ئىسمىنى پەقەت تىلغا ئالمىغان.
ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە باستۇرۇشنى دېڭ شاۋپىڭغىلا ئارتىپ قويغان
ئۆزىنى "تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى" دەپ ئاتىغان لى پېڭ بۇ كىتابىدا، گەرچە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ پاكىتلىرىنىڭ بەزىلىرىنى بايان قىلىپ، بەزىلىرىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يوشۇرغان. ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى دېڭ شاۋپىڭلا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە باستۇرۇشنى بېكىتكەن دەپ كۆرسىتىپ، شەھەرنى قانغا بويىغان جاۋابكارلىقنىڭ ئۆزىگە تەۋە قىسمىنى يۇيۇپ تاشلىماقچى بولغان.
جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋلارغا "ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ" دەپ سىگنال بېرىلگەن
لى پېڭ 150 مىڭ خەتلىك بۇ كىتابىدا، دېڭ شاۋپىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە ھەربىي قىسىملارنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر، مىنىستىرلىق باشلىقلىرىنىڭ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭ شەھىرىنى قانغا بوياشنى قوللىغان جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە ئەينى ۋاقىتتا مەركىزى كومىتېت كاتىبات ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ۋېن جاۋباۋلارغا " '4 - ئىيۇن ۋەقەسى'نى ئاقلاشقا يول قويما، بولمىسا ئاللىقاچان بىر كېمىگە چۈشۈپ قالغان ھەممىمىز بىراقلا غەرق بولىمىز، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ" دەپ سىگنال بەرگەن.
ئەينى ۋاقىتتا شەھەرنى قانغا بوياشنى تەرغىب قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن، ئەمما شەھەر قانغا بويالغاندىن كېيىن ۋىجدان ئازابى تارتقان مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېكتورلىرىغىمۇ "ۋەقەدىن كېيىن قارىلىق تۇتقىنى بىكار" دەپ تەھدىت سالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ كىتابتىكى بايانلار بىر غالجىر ئادەمنىڭ ئۆزگىچە ئاۋاز بىلەن كاپشىغانلىقىدىنلا ئىبارەت.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.