ۋاشىنگتوندىكى لىۋىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالىي ئەبۇزاكۇك، لىۋىيىدە تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئامېرىكا ئالاھىدە بىر كۈچ، بىز بۇنى بىلىمىز، ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىسا، بۇنى چوقۇم ھەل قىلىدۇ» دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، لىۋىيىدە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى بىلدۈرمەكتە.
ۋاشىنگتوندىكى مۇتەخەسسىس ئىئان لېززېر، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە ئىچىدە ساغلام بىر مۇناسىۋەت دائىرىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، لىۋىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن كازافىينىڭ ھوقۇقىدىن ئايرىلىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، ئىراققا ئوخشاش، ئوخشىمىغان قوراللىق كۈچلەر لىۋىيىدىكى كونتروللۇقنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئارىدا لىۋىيە رەھبىرى كازافىينىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقىنى بېرىشى بىلەن، پايتەخت ترىپولى كوچىلىرىدا ئادەم ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، كازافىي تەرەپدارلىرى ۋە ئافرىقىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئەسكەرلەر، كوچىغا چىققان لىۋىيىلىكلەرنى ئۆلۈم تەھدىتى بىلەن قورقۇتقان.
مۇئەممەر كازافىي بىر كۈن ئىلگىرى، لىۋىيىدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى، نامايىشچىلارنى بولسا زوراۋان تېررورچىلار دەپ ئەيىبلەپ، خەلقنى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا چاقىرىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنى شېھىتلىككە ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانكو فراتىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى بىر ھەپتە ئىچىدە لىۋىيىدە ئاز دېگەندە 1000 كىشى ئۆلگەن ۋە زېمىننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەن.

ئامېرىكىدىكى لىۋىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، پەقەت ترىپولىدا ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 62 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە، لىۋىيىدە يەنە كازافىي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئىستېپا قىلغان ئەسكەرلەر ئارىسىغا، لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل فەتتاخ يۇنۇس قوشۇلغان.
لىۋىيىدە كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى، ھەرقايسى دۆلەتلەر لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىڭلىغان تۈرك ئىشچىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تۈرك پۇقرالىرىنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا، ھەر كۈنى لىۋىيىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تۈركلەرنى ئۇچراتقانلىقى بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا قورقۇنچلۇق ھېكايىلەرنى ئاڭلىتىدىكەن.
«كېچە ناھايىتى دەھشەتلىك ئىدى، ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدۇق. تۇمانلارنى كۆردۇق. پۈتۈن تۈركلەر ئەندىشە ئىچىدە»، «بىز شەھەرنىڭ مەركىزىدە تۇرىمىز، ئەتراپتا ساقچى ياكى ئەسكەرچە كىيىنگەنلەر يوق، پۇقراچە كىيىنگەن كىشىلەر قوللىرىدىكى كېسەكلەرنى تەرەپ -تەرەپكە ئېتىپ، شەھەرنى توپا ئىچىگە كۆمۈۋەتتى.»
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيىدە 25 مىڭ تۈرك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەيدۇ. ئەلۋەتتە تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەن تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇلاردىن باشقا، لىۋىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىدىن بىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى ئالغان ئىككى نەپەر پىلوت بۇيرۇقنى رەت قىلىپ، پاراشۇتتىن سەكرىگەن، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىۋىيىنىڭ شەرقى تەرەپلىرىدە ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تارقالماقتا.