لىۋىيىگە قويۇلغان چەكلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن ناتو پاراخوتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى

كازافىي ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىرلەشمە قىسىملارنى «ئەسل-سەلپ» دەپ جاكارلىدى. بۈگۈن ناتو پاراخوتلىرى ب د ت لىۋىيىگە قويغان چەكلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

0:00 / 0:00

لىۋىيىدە كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنى كازافىينىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، غەرب بىرلەشمە قىسىملىرى ب د ت نىڭ قارارى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇمى، بۈگۈن بەشىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. تېلېگراف گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن لىۋىيىنىڭ پايتەختى ترىپولىدا پارتلىتىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. كازافىي بۈگۈن لىۋىيە تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قىسىملىرىنى مەيلى قىسقا مۇددەتلىك ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بولسۇن، ھەر قانداق ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان قوزغىلاڭچىلار بىلەن خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا چاقىردى. بىرلەشمە قىسىم قوماندانى لوكلېرنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىي قىسىملىرى بۈگۈن تانكا، زەمبىرەكلەر بىلەن ۋە مەرگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ، مىسراتا ئاھالىلىرىگە ھۇجۇم قوزغىغان.

ب د ت نىڭ لىۋىيىگە قويغان چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈن ناتو ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەنقەرەدىن بايان قىلىشىچە، ناتونىڭ دېڭىزدىن چارلاش ھەرىكىتىگە بۈگۈن ئەنقەرە پاراخوت چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ بار. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، تۈركىيە ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشتا بىرلەشمە قىسىم بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەمما يوشۇرۇن مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ دەپ جاكارلىدى.

تېلېگراف گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشمە قىسىملارنىڭ لىۋىيىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى بۈگۈن، كازافىينىڭ 32-كۆۋرۈك دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز قىسىملىرىنى، يەنى كازافىينىڭ ئوغلى قاسىم كازافىي قوماندانلىق قىلىۋاتقان دېڭىز قىسىملىرىنى نىشانلاشقا باشلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بۈگۈن ئا ب س خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىغا، كازافىي ھازىر چەتكە كېتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، دېگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە كازافىيغا قارشى پارتلىغان نامايىش خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ناھايىتى چوڭ زىيان سالغان. خۇددى خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى چېن دېلو ئېيتقاندەك، خىتاينىڭ 75 شىركىتىنىڭ (بۇنىڭ 13ئى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەت) لىۋىيىدىكى كەسپى پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىغان. ھۆددىگە ئالغان 50 چوڭ قۇرۇلۇشتىمۇ ئىش توختاپ قالغان، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان، خىتاي 35 مىڭ ئادىمىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ.

كازافىي بۈگۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىرلەشمە قىسىملارنى «ئەسل-سەلپ» دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادېمىر پۇتىن، خۇددى رويترس ئاگېنتلىقى بايان قىلغاندەك، رۇسىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاۋۇتىغا بېرىپ، ب د ت نىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى قارارىنى خاتا قارار، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇقسان ناھايىتى كۆپ، دېگەن، بۇ قارار بويىچە ئىش قىلغان بىرلەشمە قىسىمنى، خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى «ئەسل-سەلىپ» كە ئوخشاپ قالدى، دېگەن ئىدى.

تارىختا 1096-يىلىدىن 1291-يىلىغىچە داۋام قىلغان رىم بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا، ئىرۇسسالېمنى تالىشىپ يۈز بەرگەن 6 قېتىملىق دىنىي ئۇرۇش «ئەسل-سەلىپ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدېۋىدىف تۈنۈگۈن، رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىننىڭ ب د ت نىڭ لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقارغان قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان قىسىملارنى تارىختىكى «ئەسل-سەلپ»كە ئوخشاتقانلىقىنى خاتا كۆز قاراش دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.