بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە 41 يىلدىن بۇيان ھاكىممۇتلەقلىق قىلىۋاتقان كازافىيغا قارشى نامايىشلاردا، قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن بۈگۈنگە قەدەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى ئاز دېگەندە 230، يارىلانغان خەلقنىڭ سانى تېخى نامەلۇم. لىۋىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىبراھىم دابباشى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە، لىۋىيە رەھبىرى كازافىينى تەختتىن چۈشۈرۈپ، لىۋىيە خەلقىنى قانلىق باستۇرۇشتىن ساقلاپ قېلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى ۋە ئۆزى بۇنىڭدىن كېيىن كازافىنيىڭ كوماندىسىغا بوي سۇنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى لىۋىيىگە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىپ، لىۋىيە ئاسمىنىنى ئۇچىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ئەسلىھەلەردىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇپ، لىۋىيە خەلقىنى مىللىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلاشقا ۋە كازافىينى تۇتۇپ سوتلاشقا چاقىردى.
كازافىينىڭ ئوغلى سەيفى ئەل ئىسلام بۈگۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، نامايىشچىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى ۋە ئەگەر ھازىرقىدەك نامايىش توختىتىلمىسا، لىۋىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ خەلقنى ئاگاھلاندۇردى.
«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ئېلى ئاۋجالى بۇنىڭدىن كېيىن دىكتاتورنىڭ ۋەكىلى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ، باياناتىدا، كازافىي ئەمدى لىۋىيىدىن كېتىشى كېرەك، دېدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېلى ئەل ئاسساۋى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە لىۋىيىدە مۇستەبىتكە قارشى نامايىش قىلغان دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا بومباردىمانچى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى قوللانغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ باياناتىدا، كازافىينىڭ تەختتىن چۈشۈشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە خەلقنى قانلىق باستۇرۇشتىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتتى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيە ئەدلىيە مىنىستىرى مۇستافا مۇھەممەد ئابدۇل جەلىلى «قۇرىنا گېزىتى» دە بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە بۇ دۆلەت ھازىر نامايىش قىلغان خەلققە قورال كۈچى قوللىنىپ قانۇندىن چەتنىدى دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۈسەيىن سادىق ئەل مۇسراتى ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدە، بېنگالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىمۇ ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن 41 يىللىق مۇستەبىت كازافىيغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ لىۋىيىدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ھەرخلىۋىيە ئىل شىركەتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. خىتاينىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر لىۋىيىدە لۈكچەكلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلۇپ، دوختۇرخانىلاردا قۇتقۇزۇلۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى ئاز دېگەندە 15، يېنىك يارىدارلارنىڭ سانى كۆپ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي قاتناش شىركىتى، بىناكارلىق شىركىتى، تۆمۈر يول شىركىتى، سۇ ئىنشائاتلىرى شىركىتى دېگەندەك ھەرخىل شىركەتلىرى لىۋىيىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتايلار زەخىملەندۈرۈلگەن، مۈلكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى خۇافېڭ دېگەن بىر بىناكارلىق شىركىتى ئەڭ ئېغىر بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغان. ھازىر بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان 30 مىڭ خىتاي ئايرودروم بار شەھەرلەرگە قاراپ قېچىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ لىۋىيىگە بېرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.
ۋىكى ئېنسىكلوپېدىيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، لىۋىيە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى، ئۇنىڭ تولۇق نامى «لىۋىيە ئەرەب سوتسىيالىستىك جامائەت دۆلىتى»، يەر كۆلىمى 1 مىليون 759مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، مىسىر، سۇدان، چات، نېگىرىيە، ئالجىرىيىلەر بىلەن قوشنا.
لىۋىيە مىلادىدىن بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ، مىلادى 7-ئەسىردە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ، 16-ئەسىردە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان. 1911-يىلىدىكى ئىتالىيە-ئوسمانلى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغان. 1951-يىلى مۇستەقىل بولۇپ فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت قۇرغان. 1963-يىلى پادىشاھلىققا ئۆزگەرتىلگەن. 1969-يىلى كازافىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ دۆلەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، 1977-يىلى سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئۆزگەرتكەن. 2006-يىلى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
لىۋىيىنىڭ نوپۇسى 6 مىليون، كۆپىنچىسى ئەرەب، نوپۇسنىڭ 95% ئى مۇسۇلمان. دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ نىسبىتى 50% دىن، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى نېفىت.
0:00 / 0:00