بۈگۈن مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان چەتئەللىك لىۋىيىدىن كەتمەكتە

لىۋىيىدىكى چەتئەللىكلەر ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە لىۋىيىدىن ئايرىلماقتا. چوڭ زىيانغا ئۇچرىغان خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ خادىملىرى قۇملۇقلاردا بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قامىلىپ قالماقتا.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.25
liwiye-namayish-rim-305.jpg نامايىشچىلار قوللىرىدا قانلىق باستۇرۇشتىن ئۆلگەن سەپداشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، رىمدىكى لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 23-فېۋرال.
AFP

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن مىڭلىغان -ئونمىڭلىغان چەتئەللىك لىۋىيىدىن كەتمەكتە. ئايرودروملارغا بارالىغانلىرى ئايروپىلان بىلەن، پورتلارغا بارالىغانلىرى پاراخوت بىلەن كېتىۋاتىدۇ. 150 نەپەر ئامېرىكىلىق مالتاغا بارىدىغان پاراخوتقا چىقىۋاتىدۇ. لىۋىيىدە ئىشلەۋاتقان 30 مىڭ تۈركىيە پۇقراسىنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە ئايروپىلانلىرىغا چىقىپ قايتتى، بىر قىسمى پاراخوتلارغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. لىۋىيىدە تۇرۇۋاتقان 30 مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ بىر قىسمىنى خىتاينىڭ دېڭىز، ھاۋا، قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قۇتقۇزۇپ كەتتى، بىر قىسمى گرېتسىيە پاراخوتلىرىغا چىقىرىۋالدى، بىر قىسمى مىسىرغا كەلدى. يەنە يېرىمدىن كۆپرەكى لىۋىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقلاردا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

فرانسىيە رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى ھازىر، دېموكراتىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغان خەلققە «ئەل-قائىدىچىلەر تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن كىشىلەر»دەپ بەتنام چاپلاپ، خىتاينىڭ 1989‏-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق باستۇرغان مودېلى بويىچە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن بىرلىكتە تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ، لىۋىيىگە قورال ئىمبارگوسى ۋە ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلىش، لىۋىيىدە يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش لازىم دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن ئىتالىيە بىلەن لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، لىۋىيىگە قارشى ئەسكەر چىقىرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلغان يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پىلاي، لىۋىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن لىۋىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئاشتى، بۇنداق قىرغىنچىلىقنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ھازىر لىۋىيە مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ جاكارلىدى.

لىۋىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان 41 ياشلىق مۇھەممەد سېنوسنىڭ رويترس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، نامايىشچىلار ھازىرغا قەدەر لىۋىيىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق زېمىنىنى ھۆكۈمەتتىن تارتىۋېلىپ بولدى. تۈنۈگۈن نامايىشچىلار بىر نەچچە سائەتلىك جىددىي جەڭ ئارقىلىق، لىۋىيە پايتەختى ترىپولى شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدە 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىسراتا شەھىرىنى ھۆكۈمەتتىن تارتىۋالغان ئىدى. بۇ جەڭدە 25 نامايىشچى يارىلاندى، نامايىشچىلار 200 دىن ئارتۇق ياللانما ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالدى. بۈگۈن بۇ شەھەردە غەلىبە تەنتەنىسى بولۇۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ « پەن-تېخنىكا خادىملىرى» دەپ ئاتالغان مىڭلىغان -تۈمەنلىگەن پۇقرالىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇددى مالىيە گېزىتىدە تەسۋىرلەنگەندەك، لىۋىيىدىلا ئەمەس، سۇدان، كانگو، بېرما، پاكىستان قاتارلىق داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ئورۇنلىشىۋالغان ئىدى. خىتايلار كەلگەنلىكى جايدا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە خۇددى ئۆتكەن ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ترىپولى شەھىرىدىكى خىتايچە رېستورانىنى تاشلاپ ئەنگلىيىگە قېچىپ كەلگەن سۇسەن ئىسىملىك خىتاي خانىمنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا سۆزلەپ بېرىشىچە، خىتاينىڭ لىۋىيە بىلەن 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تىجارىتى بار ئىدى. يېقىندا لىۋىيىدە ئەڭ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شىركەت خىتاي نېفىت شىركىتى. لىۋىيىدە تۇرۇۋاتقان 30 مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىر لىۋىيىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقلاردا قامىلىپ قالدى.

بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان خىتايلار، توساتتىنلا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى بۇزۇپ تاشلانغان. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بۇلاپ كېتىلگەن. ئىشلەۋاتقان خىتايلار ياتاقلىرىغا قايتىشقا ئۈلگۈرمەيلا ھەممە شەخسىي مۈلكىدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ چۆل-جەزىرىلەردىن كېتىش ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان گپس لىرىمۇ قولىدا ئەمەس. شۇنچە كۆپ ئادەم ھازىر جىددىي قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.