لىۋىيە ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۈگۈنكى يېڭى ئۇچۇرلار

بۈگۈن خەلقئارادا ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان سەككىز گېزىت لىۋىيە ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ۋە ئوبزور ئېلان قىلىپ، كازافىينىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

كانادا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن لىۋىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بۇيىدىكى 9 شەھەرنىڭ ئىچىدە ترىپولى، سىرلى دېگەن ئىككى شەھەرلا كازافىينىڭ كونتروللۇقىدا قالغان، بەنغازى، مىسراتا قاتارلىق 5 شەھەر ئاللىقاچان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان، زۇۋارا، جانزور دېگەن ئىككى شەھەردە جىددىي توقۇنۇش بولۇۋاتقان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كازافىينىڭ قولىدىكى ئەسكەر سانى نامەلۇم، ئەمما ئوق-دورىلىرى كەم ئىكەنلىكى ئېنىق، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرى يۈز ئۆرۈپ بولغان ئىدى. كازافىيغا قارشى تۇرۇۋاتقان نامايىشچىلار تەرەپتە بولسا رەسمىي ھەربىي تەلىم كۆرگەن پىدائىيلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشقان. فرانسىيىنىڭ ياردەم ئەشيالىرى (دوختۇر، سېسترا، دورا ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى) مۇ بەنغازى شەھىرىگە كىرىپ بولغان ئىدى.

بۈگۈن خەلقئارادا ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوست»، «نيۇ-يورك تايمىس» گېزىتى، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تەيمىس»، «پۇل -مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»، تەيۋەندە چىقىدىغان «تەيۋەن بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»، «مەركەز گېزىتى» قاتارلىق سەككىز گېزىت لىۋىيە ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ۋە ئوبزور ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بۈگۈن لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى توڭلاتتى. ئاۋسترىيە 1 مىليارد 200 مىليون ئويرولۇق مۈلكىنى توڭلاتتى. ئەنگلىيە 20 مىليارد فوند (ئوتتۇز ئىككى مىليارد 524 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ) مۈلكىنى توڭلاتتى. گېرمانىيىمۇ بېلگىيە بىلەن بىرلىگە مەنبەسى كازافى ھۆكۈمىتىگە چېتىلىدىغان پۇل مەنبەلىرىنى توسۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرىدىن ليۇ يىڭچۇەننىڭ بۈگۈن «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق مەجمۇئە» تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، كازافى يېقىندا، خىتايدا دېڭشاۋپىڭ بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن «ئىككى يۈز مىڭنى قىرسا، يىگىرمە يىللىق تىنچلىق قولغا كېلىدۇ» دەپ يوليورۇق بەرگەندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىغا باھا بېرىپ «ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تيەنئەنمېندىكى ھەرىكەتلەرنى تانكا بىلەن باستۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ساقلىغانلىقى بىر ئۈلگە» دەپ جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ لىۋىيىدە خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىلا خىتايغا ئوت تۇتاشقان ئىدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى كۈرەشلەر يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرىدىن جىن سۈنجۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كازافى ھازىر يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى باستۇرىدىغان نەزەرىيە ۋە ھېلى-نەيرەڭلىرىنى لىۋىيىدە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن كازافى س ن ن ۋە ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دۆلەت، خەلق، ھۆكۈمەت دېگەن ئاتالغۇلاردا خىتايغا ئوخشاش گەپ ئويۇنى قىلدى. كازافى ئۆزىنى خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان داھىي دەپ كۆرسەتتى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدەك ئوپ‏-ئوچۇق يالغانچىلىق قىلىپ «لىۋىيىدە ھېچقانداق خەلق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلمىدى» دېدى ۋە بۇنداق دېيىش ئارقىلىق خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىش نىيىتىدىن يانمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامىرون بۈگۈن، ئەنگلىيىنىڭ ھازىر لىۋىيە ئاسمىنىدا ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى لايىھىلەۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتايدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياشلارنىڭ ئانىلىرىدىن 128 ئانا دىڭ زىلىڭ خانىمنىڭ باشچىلىقىدا ،89‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىك ھەرىكىتىنى ئاقلاش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشكە تەلەپ سۇندى.

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون خانىم بۈگۈن مۇخبىرلارغا، ئامېرىكا ھازىر لىۋىيە توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەشەببۇسلارنىڭ ھەر قاندىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ بولدى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، لىۋىيىنى بېسىۋېلىش ياكى نېفىت ئۇرۇشى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، لىۋىيىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى بىخەتەر ۋە تۇلۇق چېكىندۈرۈلۈپ بولغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ دەپ جاكارلىدى.