فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە مۇئامەر كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ 3-ھەپتىگە قەدەم قويدى. كازافىي قىسىملىرى بۈگۈن راسلانۇف شەھىرىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان نېفىت بازىلىرىغا يەنە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىدى. قوزغىلاڭچىلار ئەمدى كازافىينىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ب د ت دىن، ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن كازافىي قىسىملىرى راسلانۇف شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغىغاندا، چەتئەللىك ژۇرنالىستلارمۇ، كازافىينىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بۇ شەھەردىكى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانى بومبىلاپ، ئۇنىڭ بىر قەۋىتىنى قاتتىق زەخىملەندۈرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرگەن. ئەمما، بۇ ھۇجۇمدا چىقىم بولغان ئادەم ۋە مۈلۈك ئەھۋالى تېخى نامەلۇم.
ب ب س نىڭ ترىپولىدىكى مۇخبىرى داۋىسنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىي ھازىر ئۆزىنى ھەربىي جەھەتتە زور غەلىبە قىلغان دەپ جاكارلاۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خەلقئارا تەشكىلات ھازىر كازافىينىڭ خەلققە ھۇجۇم قىلىشىنى دەرھال چەكلەش ئۈچۈن، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش لازىملىقىنى ھېس قىلدى. ئالدى بىلەن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بۇ ئىشقا كىرىشىپ، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون لايىھىلەشكە باشلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئىھسانئوغلۇ بۈگۈن ب د ت گە، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى. باش ئورگىنى قاھىرەدىكى ئەرەب بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ھىسام يۇسۇفنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچىمۇ، ئەرەب بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلارنىڭ بەنغازىدىكى باش شتابىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە خادىمى مۇستافا غەرىيانى، لىۋىيىنىڭ پايتەختى تىرىپولىدىكى ئايرودروملار ئۆزىنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر مۇھىم ئىشى، كازافىينىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاپ خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك دېگەن. شۇنداقلا ئۇ، كازافىي قىسىملىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، يەنە بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭچىلارنى سۆھبەتكە چاقىرغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىيچىلار ھەتتا، كازافىي ئەمدى ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ جېنى ۋە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنسىلا، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە تەييار دېگەن گەپلەرنىمۇ كۆتۈرۈپ كەلگەن، ئەمما ئۇ، كازافىينىڭ تەختتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىدىن ئۆزگە ھازىر سۆزلىشىدىغان باشقا تېما يوق. ھازىر بىز كازافىينىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىنمۇ قوشۇپ ھېساب ئالىمىز دېگەن.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ، لىۋىيىدە كازافىينىڭ خەلققە ھۇجۇم قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش دېگەن تەشەببۇسىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ب د ت لىۋىيىگە قارىتا قوللىنىشقا رۇخسەت قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت، لىۋىيىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان، لىۋىيىنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇشى، ھەممە مەسىلە سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىنىشى كېرەك، دەپ جاكارلىدى. بۇ، خىتاينىڭ ھازىر، دۇنيادا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش تەشەببۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، لىۋىيىدە ئۇچۇشقا بولمايدىغان رايون بەلگىلەش دېگەن تەشەببۇسنىڭ ب د ت دا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىكى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يەنە رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىش ياكى قوللانماسلىقىغا باغلىق.