ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كازافىينىڭ دەرھال تەختتىن چۈشۈشىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى لىۋىيىگە ئېمبارگو قويۇش قارارى بۇ جەھەتتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە كازافىينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ، دىكتاتورلارغا بېرىلگەن چوڭ سىگنال، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بىردەك قارار ماقۇللاپ، لىۋىيىنىڭ كازافىي ھاكىمىيىتىگە قورال -ياراق ئىمبارگوسى، كازافىي ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشنى ۋە شۇنداقلا كازافىي جەمەتىنىڭ چەتئەل بانكىلىرىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. لېكىن، كازافىي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا قارىتىلغان ئېمبارگو بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى كازافىيغا ۋە ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆز ئالدىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېمبارگوسىنى كۈچلەندۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارى قورال-ياراق سېتىشنى مەنئى قىلىش، كازافىي ۋە يېقىنلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيىسى كازافىينىڭ ھوقۇقنى دەرھال تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: «پولكوۋنىك كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئۆز قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى شەرت. ئۇلار خەلقئارا مەجبۇرىيەت ۋە ئورتاق قائىدە -نىزامغا خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەت سوراشتىكى قانۇنى ئاساسىنى يوقاتتى. لىۋىيە خەلقى كازافىينىڭ كېچىكمەي، زورلۇق كۈچ قوللانماي، دەرھال تەختتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بىردەك ھالدا شۇ سىگنالنى بەردى. خەلقئارا ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا قىلىنغان بۇ بۇزغۇنچىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىنمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىدە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنىڭ ھوقۇقنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.
لېكىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25-چېسلادىكى يىغىندا ئېمبارگو قارارىنى ماقۇللاش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي يەنە، كازافىينىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مۇھىم قارارنى ماقۇللىغان ئىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ قارارىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ، كازافىينىڭ لىۋىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇغان. مەزكۇر قارار خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ ب د ت تارىخىدا 2-قېتىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىپ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە يوللىنىشىدۇر. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1-قېتىم 2005-يىلى سۇدان پرېزىدېنتى ئەل بەشىرنىڭ دارفۇردا «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى دېلو تۇرغۇزۇشىنى بۇيرۇغان ئىدى.
بەزى ئانالىزچىلار خەۋپلىك كېڭىشىنىڭ قارارى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۆز خەلقىنى شەپقەتسىز ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دىكتاتورلارغا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قارار لايىھىسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر قارار لايىھىسىنى كۆڭلىدە قوللاشنى خالىمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ قارار لايىھىسىنى قوللىماسلىققا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر جۇڭگونىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغان بولسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى تېخىمۇ بالدۇر ماقۇللانغان، قوللىنىدىغان ھەرىكىتى تېخىمۇ كەسكىن بولغان بولاتتى. جۇڭگو بۇ قارارنى ئامالسىز قوللاشقا مەجبۇر بولدى. ئەسلى ئۇنىڭ رايى بىلەن بولسا ئۇ، بۇ قارارنى قوللىمىغان، كازافىينى قوغدىغان بولاتتى. جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مەتبۇئاتلىرىغا قارىسىڭىز، كازافىينىڭ تەرىپىنى تۇتقاندەك خەۋەرلەر بەردى. پۈتۈن دۇنيا كازافىينىڭ زوراۋانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتسا، جۇڭگو مەتبۇئاتلىرى ئۇنى قوللىغاندەك پوزىتسىيىدە تۇردى. نامايىشچىلارنى توپىلاڭچىلار، دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇ قارارنى قوللىغۇسى يوق. لېكىن، كازافىي دېگەن بۇ ئادەم پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدىن چۈشتى. پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە قالدى. بۇ ئەھۋالدا، جۇڭگو يەنە كازافىي بىلەن بىر مەيداندا تۇرسا، ئۇنىڭ ئۆزى پۈتۈن دۇنيانىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچرايتتى. شۇڭا بۇ قارارنى قوللاشقا مەجبۇر بولدى.»
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 5 دائىمىي ئەزاسىنىڭ ئىچىدە پەقەت فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيىلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا ئىدى. ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ قېتىم بىردەك خەلقئارا سوتنىڭ كازافىي ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇشىنى قوللىغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنىستا پارتلاپ، مىسىر، يەمەن، بەھرەيىن، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەرگە تۇتاشقان «ياسىمەن ئىنقىلابى» نىڭ خىتايغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلۇقى نۆۋەتتىكى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىنقىلابى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە ئىلھام بېرىپ، بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە «ياسىمەن ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى نەزەربەند قىلىش، پۇقرالارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلەش، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى كۆپەيتىش، تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ياسىمەن ئىنقىلابى»نىڭ خىتايغا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتايدا «ياسىمەن ئىنقىلابى» ۋە ياكى قانداقتۇر بىر ئاممىۋى ئىنقىلاب يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ تامامەن مەۋجۇتلۇقى، لېكىن ئىنقىلابنىڭ قاچان، قەيەردە ۋە قانداق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەكنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ، خىتايدا خەلق ئىنقىلابى پارتلىسا، ئىنقىلابنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش -بولماسلىقىدا ھەربىيلەرنىڭ پوزىتسىيىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ھەربىيلەرنىڭ خەلقنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلسە، 1989-يىلدىكىدەك قەتئىي ئىجرا قىلىش ئېھتىماللىقى ئازلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ: «بۇرۇن دېڭ شياۋپىڭدەك ھەرىكەت ۋە بۇيرۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قوشۇننى سەپەرۋەر قىلالايدىغان كۈچلۈك ئادەم بار ئىدى. لېكىن، ھازىر 1989-يىلدىكىدەك ۋەقە يۈز بەرسە، شۈبھىسىزكى، ۋەقەنى قانغا بوياشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار چىقىدۇ. ۋەقەنى باستۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالغۇسى بولسا، باستۇرماقچى بولىدۇ. بۇ مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر ئېھتىماللىقتۇر. لېكىن، ھازىر دېڭ شاۋپىڭدەك پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان ئۇنداق كۈچلۈك ئادەم يوق. شۇنداق ئىكەن، پىكىر جەھەتتىكى ئىختىلاپ بۇرۇنقىدىن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا مەن ئىشىنىمەنكى، 1989-يىلى 38-كورپۇسنىڭ قوماندانى چىقىپ، قورال ئىشلىتىشكە قارشى چىققان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەردە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باستۇرۇشنى بۇيرۇسا، باستۇرۇشنى رەت قىلىدىغان 38-كورپۇس قوماندانىدەك ھەربىيلەر تېخىمۇ كۆپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ كۆرسەتتى.
ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە بىر -بىرىگە زىت ئىككى خىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تاشقىرىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كازافىينى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى قوللىسا، ئىچكى قىسىمدا ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 2009-يىلى«5 -ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى، 2008-يىلى 3-ئايدا تىبەتلەرنى باستۇرۇشى ۋە شۇنداقلا 1989-يىلى تيەنئەنمىن ھەرىكىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلىشى بىلەن، كازافىينىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىققان خەلقنى باستۇرۇشى ئارىسىدا پاراللېللىق بار. كازافىي ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق تېلېۋىزىيە نۇتقىدا خىتاينىڭ 1989-يىلى تيەنئەنمىن ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا ئوخشاشلا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىسياننى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جاڭ ۋېىگونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كازافىينىڭ «تيەنئەنمىن ۋەقەسى»نى تىلغا ئېلىشى مەزكۇر ۋەقەنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ، خىتاينىڭ قانداق دۆلەت ئىكەنلىكىگە قارىتا يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ناھايىتى قىزىقارلىق يېرى، كازافىي 1989-يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى مىسالغا ئالدى. بۇنىڭ بىلەن لىۋىيە ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېسىگە بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى سالدى. كىشىلەردە جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرى زادى قانداق ھاكىمىيەت، دېگەن ئوينى تەكرار پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى مەملىكەت ئىچىدە ياسىمەن ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۆكتىچى زاتلارنى، ئادەتتىكى ئاۋام خەلقنى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرۈشى دىققەت قوزغىدى. بۇ نۇقتىدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ زوراۋانلىقى، بىر پارتىيىلىك ئىستىبدات تۈزۈمى، سىياسىي جەھەتتىكى يۇقىرى بېسىمى پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.»
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا يەنە، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قاراتقان ۋەھشىيانە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش يولىدا «ھەرقانداق چارە-تەدبىرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ سۆزى كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يوق ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.