لوندوندىكى «مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى» ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تونۇشتۇرۇلدى
2012.11.08
بۇ پائالىيەتكە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكىسىدىن كونسېرت بېرىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى، ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى ھەمدە سۆيۈنگۈل خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق رومانىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۆرنەك نۇسخىسىنى تونۇشتۇردى.
لوندوندىكى مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى نامىدىكى تەشكىلات، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردىن كېلىپ، ئەنگلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداقلا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى ئەنگلىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات.
بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ۋە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى نامىدىكى تەشكىلات ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەزالىرىدىن رەھىمە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى» بۇ يىل ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيىتىگە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئانسامبىلدىن نىزامىدىن سەمەتوۋ، دوكتور راچەل ھاررىس ۋە رەھىمە مەخمۇت قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ناخشا، مۇقاملىرىنى ئورۇنلاش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئۆرنەكلىرىنى تونۇشتۇرغان.
رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، يەنە سۈيۈنگۈل خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخى رومانىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى تونۇشتۇرۇلغان.
رەھىمە خانىم يەنە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان «مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچىلار قەلىمى» تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر يازغۇچى، سەنئەتكارلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قىزىققانلىقىنى بايان قىلدى.
رەھىمە خانىم نۆۋەتتە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش يولىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.