ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇللىرى لوندوندا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۆمەكلىرىنى قۇرۇپ ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-02-18
Share
London-uyg-ansambili-305 ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 7 ﺩﻩ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ - ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯗﻧﻪﻱ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻞ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇلاردىن بىرى لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدۇر. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا - ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ برۇنەي تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويدى.

بۇ كونسېرتتا ئۇيغۇر ۋە ئىنگلىزلاردىن تەركىپ تاپقان سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن نەمۇنىلار كۆرسەتكەندىن باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى قىزلار ئۇسۇل نومۇرلىرىنىمۇ ئورۇندىغان.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئىنگىلىز تاماشىبىنلار ۋە لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 دىن كۆپ كىشى قاتناشقان.

بۇ سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى مەسئۇلى ئېزىز ئەيسا ۋە تاماشىبىنلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت