لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت مەرىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتىنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە يىغىپ، قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنگلىيىدىكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مەسئۇلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ھەم ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ئەنگلىيىلىك دوستلار ئۈچۈن 2012-يىللىق قۇربان ھېيت مەرىكىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت مەرىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بولۇپمۇ ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر سەنئىتى، مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە، رەھىمە ماھمۇت،نىزامىدىن سەمەتوف، يالقۇن ئابدۇرېھىم، ستەپھەن جونەس، راچەل ھاررىس، رۇستەم سالىيىف، كامىل ئابباس، ئەزىز ئەيسا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئۆمەك قۇرۇلغاندىن بۇيان، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر خىل ئاممىۋى پائالىيەتلەر ۋە سەنئەت كۆرەكلىرىدە 200 نەچچە مەيدان كونسېرت قويۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان يەنە، لوندوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى يىغىلىش- پائالىيەتلىرىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيە خەلقىگە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.