لوندوندىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات مەركىزى تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە

لوندوندىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان "قوش تىل مائارىپ سىياسىتى" قوش تىل ئەمەس، بەلكى "تەك تىل مائارىپ سىياسىتى" بولۇپ، مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلارنى يالغۇز ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى يوق قىلىش تەدبىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كەمسىتىش ھېسابلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك ساقلاپ قېلىش نۆۋەتتە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.