خىتاي ھۆكۈمىتى لوپتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە كىشىلەرنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى يوشۇرماقتا

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدە 9-مارت يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەشتە، 150 مىڭغا يېقىن ئامما ئاپەتتە قالدى، 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي ماكانسىز قالدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.03.13
lop-yer-tewresh-305.jpg خوتەن لوپ ناھىيىسىدە 6 بال يەر تەۋرەشتە ئورۇلۇپ چۈشكەن ئۆيلەر. 2012-يىلى 9-مارت، خوتەن لوپ.
http://jzs.mca.gov.cn

9-مارت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەش ئاساسلىقى خوتەننىڭ لوپ ۋە قاراقاش، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسەتكەن، ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدا، بولۇپمۇ لوپنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىقى، دول يېزىسىدا 9 مىڭغا يېقىن ئۆيلەرنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. ئەمما ھازىرغا قەدەر ئاپەتتە ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش بايقالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما سەيشەنبە كۈنى لوپ بازار ئىچىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاپەتتە يارىلانغانلار 9 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا ئىمكان بولمىدى.

بۈگۈن لوپ ناھىيىسى دول يېزىسىغا تېلېفون ئۇلاندى، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، گەرچە يېزىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، جاۋابلىرىدا ئاپەتتە كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

بۇ كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت ھەممىدىن ئېغىر بولغان جاي دول يېزىسىنىڭ بوستان كەنتى بولۇپ پۈتۈن كەنتتە ساق ئۆي قالمىغان.

لوپ ناھىيىسىدىكى بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت ئېغىر جايلارنىڭ يەنە بىرى ھاڭگى كەنتى ئىكەن.

ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان بوستان ۋە ھاڭگى كەنتلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىسى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ جايلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەت ھەققىدە تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىدە، ئاساسەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاپەتكە جىددىي قاراپ خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن 4-دەرىجىلىك ياردەمگە ئۆتۈش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، يېقىن ئەتراپتىكى دېۋىزىيە ۋە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى كېلىپ ئاپەتتە قالغانلارنى دەرھال قۇتقۇزغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتە ئۆي-ماكانسىز قالغان ئائىلىلەرنى كەپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 3000 كەپە يەتكۈزۈلۈپ، 1110 دىن ئارتۇق كەپىلەرنىڭ راسلىنىپ ماكانسىز قالغان 27 مىڭ كىشىنىڭ كۆچۈپ كىرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپەتتىكى خەلقنى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە، «ئاپەتتىكى خەلق خەلق ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدى»، «لوپ خەلقى: بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئىشەنچىمىز بار، دېدى»، «لوپتىكى خەلق ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالغان خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى» دېگەندەك تېمىلار قويۇلغان. ھالبۇكى، لوپ ناھىيىسىنىڭ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان دول يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 75 ياشلىق بىر موماي، ئۆيىنىڭ نەچچە يېرىگە دەز كەتكەنلىكىنى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ ھال سوراپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.