لوپنۇر كۆلىدىكى كالىي تۈزى قېزىلىشقا باشلىدى
2012.12.24
بۇ ھەقتە پىكرى بايان قىلغان كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە ۋە باشقا قانۇنلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج شەكلىدە قېزىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، لوپنۇر - قۇمۇل تۆمۈر يولى پۈتۈپ 29 - نويابىردا قۇمۇل جەنۇبىي ۋوگزالدىن پويىز قاتناشقا باشلىغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كالىي تۇزى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئوغۇت ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تەخمىنەن 375 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لوپنۇر - قۇمۇل تۆمۈر يولىنى ياساپ چىققان. مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى باشلىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 480 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مەبلەغ سالغان.
خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى 10 مىليون توننا ئوغۇت ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 70 %تىنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىدىكەن. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوپنۇر كۆلى رايونىدا يىلدا 1 مىليون 200 مىڭ توننا كالىي تۈزى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
گېئولوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق لوپنۇر كۆلى ھاۋزىسى، كالىي تۇزى ۋە رەڭلىك مېتال زاپىسى مول رايونلارنىڭ بىرى. لوپنۇر كۆلىدە بايقالغان كالىي خلورىد تۈزىنىڭ زاپىسى 500 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بولۇپ، بۇ رايوندا كالىي تۇزىدىن باشقا يەنە، ئالتۇن، مىس ۋە نىكېل قاتارلىق كان بايلىقلىرى چىقىدىكەن.
دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالىي تۇزى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان نورمال تۇز ئىشلىتىش چەكلەنگەن پالەچ، ئۆت، يۈرەك، تومۇر ئېتىلىپ قېلىش ۋە بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان بىر خىل تۇز بولۇپ، كالىي تۇزى ھۈجەيرىلەر ئارىسىدا سۇ ئۆتكۈزۈشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يۈرەك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە خىتايدا تۈزۈپ چىقىلغان قانۇن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئۆزى تۈزۈپ چىققان قانۇنغا رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى؛ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 28 - ماددىسىدا بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇنغا بويسۇنمايۋاتقانلىقىنى، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كان - بايلىقلىرىنى ئېچىشتا بۇلاڭ - تالاڭ خاراكتېرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
1964 - يىلى خىتاي تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ لوپنۇر رايونىدا پارتلىتىپ سىناق قىلىنىشى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىملىرىغا كۆپلەپ قۇرۇلغان سۇ ئامبارلىرى سەۋەبىدىن لوپنۇر كۆلى پەيدىن پەي كىچىكلەپ قۇرۇپ كەتكەنىدى.
ئۇيغۇر رايونى مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە، بولۇپمۇ كان بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان تالان - تاراج سىياسىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەنلىكى مەلۇم.