قەشقەر كوچىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكا: «گۈزەل ھۆسنى-جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى»

«گۈزەل جامالىمىزنى نامايان قىلىپ سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دېگەندەك لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىلىشى، ئاياللارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «ناخشا ئوغرىسى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ۋاڭ لوبىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى خىتايچە «داۋانچىڭ ناخشىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىپ تارقاتقاندىن بۇيان «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت، كۆزلىرىڭنى بىر كۆرەي، ئەگەر توي قىلماقچى بولساڭ، ماڭا كېلىپ تەگ، سىڭلىڭنىمۇ، تويلۇقۇڭنىمۇ ھارۋاڭ بىلەن ئېلىپ كەل...» دېگەندەك ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا قىلىنغان ھاقارەت، غۇرۇرىغا قىلىنغان ھۇجۇم، ناخشا بولۇپ پۈتۈن خىتايغا تارالغان ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ ناخشا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويغان «ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشىنىڭ» مەخسۇس قىزىل ناخشىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا تارقىتىلماقتا.

يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمە تورىدا «گۈزەل ئاياللاردىن بولۇپ، جەلپكار قەشقەرنى نامايان قىلايلى» دېگەن تەشەببۇسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ تۈردە «ئاچا سىڭىللار گۈزەل رۇخسارىمىزنى ئېچىۋېتىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى قويۇۋېتەيلى، ياڭراق قىزىل ناخشىمىزنى توۋلايلى» ناملىق يۈرۈشلەشكەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. مەھەللە كومىتېتلىرى، ئىش باشقارمىلىرى تەرىپىدىن ھەتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، كوچىلىرىغا «گۈزەل ھۆسنى-جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دەپ يېزىلغان قىزىل لوزۇنكىلار ئېسىلغان.

مەزكۇر لوزۇنكىلارنىڭ سۈرەتلىرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشىغا قارشى غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق ئىنكاسى كۈچەيگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا ئائىت تېمىلارنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە توسۇشقا باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر فېۋرالدا باشلىغان «شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇپ مەقسىتىنى «دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، شىنجاڭغا خاس سالاپەتلىك، جەلپكار يېڭى دەۋر ئاياللىرىنى يېتىشتۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ماس ھالدا يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشى، بولۇپمۇ چۈمبەل ھەم ياغلىقلىرى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندى.

ھەتتا مىللىي ھەم دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئوچۇق ئاشكارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلىپ كەمسىتىلدى، بەزى جايلاردا ھەتتا چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىشكە ئۇنىمىغان ئاياللارنىڭ تەھدىت، جەرىمانە ۋە قاماپ قويۇشقا ئوخشاش جازالارغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى باينىڭ سايرام بازىرىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ چۈمبەللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋەتكەندىن باشقا مەدەنىيەتلىك ۋە مەدەنىيەتسىز كىيىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرسىتىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ مىسالى. سايرام بازىرىدىكى بىر ئايال ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، تالاغا چىققاندا خالىمىسىمۇ قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ چىقىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن خورلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما، يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭدار شەخسلەر ئىچىدىن گۈزەللىك قۇرۇلۇشى ئوبرازلىرىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى چۈمبىلىنى قايرىۋېتىپ ئۆزىنى نامايان قىلىشقا ئۈندىمەكتە.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتى، مەدەنىيىتى ئېتىقادىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات، تەربىيە، ئاشكارا ھۇجۇم ۋە كەمسىتىشلەر، خەلقئارادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ خادىمى ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئېغىر مەدەنىيەت ھۇجۇمىغا ۋە مىللىي كەمسىتىشىگە، ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.