خىتاي 14 ‏- مارت لخاسا ۋەقەسىدىكى تۇتقۇنلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى 29 ‏-ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ لخاسا ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، 14 ‏-مارت لخاسا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان، نامايىشنىڭ 30 نەپەر غوللۇق ئەزاسى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ھۆكۈمدە ، مەھكۇملارغا 3 يىلدىن مۇددەتسىزگە قەدەر پەرقلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

ھۆكۈمنامە ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى" تىبەتلىكلەرگە مۇقىملىقنى قورال ئارقىلىق تېڭىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى.

ھۆكۈمنامىدە مەھكۇملار، ئوت قويۇش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئۇرۇپ-چېقىش، دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىش ۋە دۆلەت خادىملىرىنى زەخمىلەندۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەھكۇملاردىن پاساڭ، سونان تىسېرىڭ قاتارلىق 3 نەپەر راھىبقا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، لوساڭ بادو، كارما داۋا قاتارلىق 7 كىشىگە 15 يىللىقتىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىلگەن. دورجى داريال قاتارلىق قالغان 20 مەھكۇمغا 3 يىل بىلەن 14 يىل ئارىسىدا پەرقلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

" خىتاي مۇقىملىقنى زورلۇق يولى بىلەن شەكىللەندۈرمەكچى"

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى، مەزكۇر ھۆكۈم ھەققىدە تەشكىلاتنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: "سوتنىڭ جەريانى ۋە ھۆكۈمى خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەرگە يېقىن كەلمەيدۇ. خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسى ئەزەلدىن توغرا ئىشلىمەيۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز تىبەتتىلا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالمۇ ئەمەس. بۇ قېتىمقى سوتتىمۇ خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا قىيىن-قىستاق ئارقىلىق جىنايەت ئىقرار قالدۇرۇش ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا جامائەتنى ئەندىشىگە سېلىپ كېلىۋاتقان بىر مېتود."

بىز بۇ ھۆكۈم، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ياكى بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:" خىتاي مۇقىملىقنى قورال كۈچىگە تايىنىپ شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، تىبەت خەلقىغە ئوز ئىرادىسىنى تېڭىۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان مۇقىملىق ئىستىراتېگىيىسى. تارىخ ۋە رېئاللىق ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېنچلىق ئادالەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ." باياناتچى يەنە ، بۇ خىل ھۆكۈملەرنىڭ تىبەت ھەرىكىتىنىڭ كۈرەش ئىستراتېگىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنى ئەسكەرتتى.

" خىتاينىڭ خۇيى ئۆزگەرمىدى"

بىز يەنە نيۇيوركتىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمنامىگە قارىتا ئىنكاسىنى ئىگىلىدۇق. ھۆكۈمنامىنى ئاشكارا بىر سىياسىي ھۆكۈم دەپ ئەيىبلىگەن بۇ تەشكىلات، لخاسا ۋەقەسىنى بۈگۈنگە قەدەر تەرەپسىز تەكشۈرگۈچىلەر ئېنىقلاپ باقمىغانلىقى، سوت مەيدانىغا مۇخبىرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى، ھۆكۈمدىكى زوراۋانلىقنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ" دەپ ئەيىبلىدى.

بىز باياناتچىدىن تىبەت تەشكىلاتلىرى، قولغا ئېلىنغان تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈتكەن ياكى تەخمىن قىلغان ئىدى دەپ سورىغىنىمىزدا ، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: " ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلغىنىمىز، ئولىمپىكتە بەرگەن ۋەدىسى بۇيىچە، خەلقئارا بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىنى قوللانغان بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق. ئەمما، تەخمىنىمىز ئۇلارنىڭ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى ئىدى. ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر بولۇشى ۋە بۇ يوشۇرۇلۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، خىتاي بۇ ھۆكۈمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى."

ۋاڭ لىشيوڭ: " ئۇرۇپ-چېقىشنىڭ مەسئۇلىيىتى ھۆكۈمەتتە"

بىز ئۇنىڭدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يولۇققان راھىب پاساڭنىڭ كىملىكى، ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدۇق، ئۇ، پاساڭ ئىسمىنىڭ تىبەتلەردە كۆپ قوللىنىدىغان بىر ئىسىملىكىنى، ئۇچۇر-ئالاقە چەكلىمىسى تۈپەيلى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى. بىز ئۇنىڭدا تىبەتتىكى نامايىشنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىسىنىڭ ئىسمىنى سورىدۇق، ئۇ بۇ ھەقتىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىمقى ھۆكۈمىدە، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىش دېگەندەك ئەيىبلىمىلەرنى قوللانمىغان. ھەرىكەتلەرگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي جىنايەت خاراكتېرىنى كۆپرەك يۈكلىگەن. خىتاي لخاسا ۋەقەسى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە باشلىنىپ ئوخشاش ئاخىرلاشقان ، ئۇيغۇرلارنىڭ 5 ‏-فېۋرال ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن، 5 ‏-فېۋرالنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىگە ۋە قاتناشقۇچىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ، زۇلۇم ئاستىدىكى جەمئىيەتلەردە خەلق ئىسيانلىرىدا كۆرۈلىدىغان ئۇرۇپ-چېقىش ۋەقەلىرىنى ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال دەپ بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ ھېسابىنى دىكتاتور ھاكىمىيەت بېرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.