7-ماي ئىككى تىبەت پۇقراسى لخاسادا ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ خىل جىددىيلىك ئىلگىرىلەپ كۈچەيگەن. چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى قارشىلىقى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
27-ماي، لخاسادا ئىككى تىبەت پۇقراسىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى لخاسادىكى تىبەت پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋەقەدە نەچچە يۈز كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. يەكشەنبە كۈنى لخاسادىكى ئەڭ مۇقەددەس تاۋاپگاھلىرىنىڭ بىرى بولغان جوخاڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، 2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تىبەت رايونلىرىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، تىبەت ئاپتونوم رايونى ئىچىدە تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن لخاسادا پارتلىغان خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرىدە 600 دەك كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. گەرچە بۇ سان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ياكى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئاھالىلەر رادىئومىزغا ئاشكارىلاپ، مۇشۇنچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كېيت ساندېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە پەقەت «ۋەقەنى رەسىمگە تارتقان ياكى سىنئالغۇغا ئالغان» دېگەن گۇمان بىلەن 60 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
ئۇ : لخاسادا يەكشەنبە كۈنى ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي يۈزلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بىراق بىز زادى قانچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى بىزگە مەلۇم. پەقەت «ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى رەسىمگە تارتقان، سىنئالغۇغا ئالغان» دېگەن گۇمان بىلەن 60 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە شەرقىي تىبەت رايونلىرىدىن دىنىي بايرامغا قاتناشماقچى بولۇپ لخاساغا كەلگەن نۇرغۇن تىبەت پۇقراسى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بېزىلەر بۇ قېتىم ئۆزىنى كۆيدۈرگەن ئىككى تىبەت پۇقراسىغا يۇرتداش كىشىلەر. ئۇلار نابا ۋە بورا رايونلىرىنىڭ ئاھالىسى. بۇ ئىككى جاي تىبەتنىڭ ئامدو رايونىغا جايلاشقان. بۇ ئىككى جاي بۇ قېتىم ئۆزىنى كۆيدۈرگەن ئىككى تىبەتلىك ياشنىڭ يۇرتى. بۇ ئىككى ياشنىڭ بورادىن كەلگىنى شۇ زامات ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى لخاساغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىسىمۇ، بىراق بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقتەك قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان 2011-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، ئاز دېگەندە 35 كىشى ئۆزىنى كۆيدۈرگەن ۋە ئاز دېگەندە 27 كىشى ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارغا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
بىراق خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىكى كېيت ساندېرس، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، دالاي لامانىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسكەرتىپ: خىتاي بۇنىڭدا دالاي لامانى ئەيىبلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، دالاي لاما ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى توختىتىش ئۇنىڭ ئىختىيارىدىكى مەسىلە ئەمەس. بۇ تاشقىرىدىكى كۈچلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت ئەمەس. بۇ چەتكە قېقىلغان، ئېزىلگەن، باستۇرۇلغان، بىراق ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىندىۋىدۇئال ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتى نۇرغۇن تىبەتلەر بۇددىنىڭ تۇغۇلۇشىنى خاتىرىلەش مەزمۇن قىلىنغان ساگا-داۋا ناملىق دىنىي بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن لخاساغا توپلانغان ناھايىتى سەزگۈر بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىنتېرنېت، يانفون تېكىست يوللانمىسى قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن. «شىزاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خاۋ پىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
«شىزاڭ گېزىتى» يەنە، خاۋ پىڭنىڭ تىبەتتىكى جىددىيچىلىكنى دالاي لاما گۇرۇھى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى،« تىبەتنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە جىددىي» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر، تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى خىتاي-دالاي لاما سۆھبىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيىتى تىبەتلەرنى زور ئۈمىدسىزلىككە گىرىپتار قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىكى كېيت ساندېرس خانىم، خىتاي-تىبەت سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: ناھايىتى ياخشى سوئال سورىدىڭىز. چۈنكى مېنىڭ قارىشىمچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قاناللىرى ئارىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇلۇپ، كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەسلىكى، تىبەتلەرنى ئۈمىدسىزلىككە گىرىپتار قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامادىن يىراقلىشىشى ھازىرقى ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت 2010-يىلى 1-ئايدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، سۆھبەتنىڭ رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بېشارەت يوق. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ ساھەدە قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ياكى ئۆزگىرىش بولمىدى. مېنىڭچە خىتاي ھازىر يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى ئالمىشىدىغان زور تارىخىي دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ زېھنى تىبەت كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە ئەگىشىپ، چارشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئابا ئاپتونوم ئوبلاستىدا بىر تىبەت ئايالنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. چەتئەلدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 33-ياشلاردىكى بۇ ئايالنىڭ 3 بالىسى بار بولۇپ، ئۇ ئابادىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن.