نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مۇراسىمى ھارپىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بېسىمى كۈچەيدى

ليۇ شاۋبو مەسىلىسى نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ نېگىزلىك تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى؛ جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ليۇ شاۋبونى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. نوبېل كومىتېتى بولسا ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەن مۇكاپات"ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم" نى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ليۇ شاۋبو مەسىلىسى نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ نېگىزلىك تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ تۈنۈگۈن "كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى" تەسىس قىلىپ، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ليەن جەننى مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گەرچە نۆۋەتتىكى تالاش-تارتىش ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تالاش-تارتىشنىڭ ماھىيىتى تەرەپلەرنىڭ "خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى" ئۈستىدىكى ئىختىلاپىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە جاۋابەن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى بايقۇت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەردىن مۇراسىمغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىشى، ئاخبارات چەكلىمىسى قويۇشى ۋە شۇنداقلا نورۋېگىيىدىكى بىر قىسىم خىتاي مۇھاجىر جەمئىيەتلىرىنى جۈمە كۈنى نوبېل كومىتېتىغا قارشى نامايىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ئەكسىچە رول ئوينىغان.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتىنى ليۇ شاۋبوغا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر باياناتىدا نوبېل كومىتېتىنى تەنقىدلەپ، بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنى" ئەخمىقانىلىكتۇر" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلېي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلەپ، ليۇ شاۋبونىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كروۋلېي: "بىز نوبېل كومىتېتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچى زاتى ليۇ شاۋبونى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالىمىز. ليۇ شاۋبو سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، جۈملىدىن 2008‏- نىزامنامىسىنى تۈزۈش ئىشلىرىدا ئوينىغان ئالاھىدە رولى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغىغان. بىز خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ۋە بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز يەنە خىتاينى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە داۋاملىق چاقىرىمىز" دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى بىر قەدەر كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتىدۇر. كروۋلېي يەنە، نوبېل كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوسلودىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا تەرەپتىن باش ئەلچى بەررىي ۋايتنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبو ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا پوزىتسىيە بىلدۈرگەن شۇ كۈنى يەنە، نوبېل كومىتېتى مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىنى ئاقلاپ، مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشىدە "ئۇنىۋېرسال قىممەت"نى ئاساس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى توربېيون جاگلاند پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا بېرىشتىكى غەرىزى غەرب ئىدېئولوگىيىسىنى جۇڭگوغا تېڭىش، دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى. مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن جاگلاند "بۇ خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتنى تەڭ ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە شۇنداقلا ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر سىگنالدۇر" دېگەن.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ليۇ شاۋبونى قوللاش پوزىتسىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھەرىكىتىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ماقۇللىغان ليۇ شاۋبونى قوللاش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنى تەنقىدلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي " جۇڭگونىڭ، ئامېرىكىلىق ئالاقىدار قانۇن چىقارغۇچىلارنى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى خاتا سۆز ۋە خاتا ھەرىكىتىنى توختىتىش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەنمەنچىلىك ھەم قوپال پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاينىڭ رېئاكسىيىسى بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن. مېكسىكىنىڭ كانجۇن شەھىرىدە چاقىرىلغان ب د ت كىلىمات يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى باش مىنىستىر جىنس ستولھېيم ۋە نورۋېگىيە مۇھىت مىنىستىرى ئېرىك سولھېيم يېتەكچىلىكىدىكى نورۋېگىيە ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

لېكىن، خىتاينىڭ نوبېل كومىتېتى ۋە ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى رېئاكسىيىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپى سالىل شەتىينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىگە قارشى چىقىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان دىققەت نەزىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان. سالىل شەتي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭچە، ئەگەر خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مۇستەقىل بىر مۇكاپات ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى قوبۇل قىلغان بولسا، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بۇنچىلىك دىققەت قوزغاپ كەتمەيتتى. لېكىن، خىتاينىڭ غوۋغا چىقىرىشى، ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى توسۇشى قاتارلىق ئامىللار بۇ ۋەقەگە بولغان دىققەتنى قوزغىدى. لېكىن، ئەڭ مۇھىمى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىدۇر. بۇنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى مەيلى تەرەققىيات نامىدا بولسۇن ۋە ياكى تىبەت، ئۇيغۇرلاردا بولسۇن ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بۇ بىر رېئاللىقتۇر. مېنىڭچە، بۇ ئەھۋاللار نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سايىسىدە ئىلگىرىلەپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ".