ما رۇڭنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەكلىپى خىتاي زىيالىيلىرىدا مۇنازىرە قوزغىدى

يېقىندىن بۇيان بەزى خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرىگە تەكلىپ بېرىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما رۇڭ «21‏‏-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارمۇ-يوق» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە دائىرىلىرىنى ھازىرقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ما رۇڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى دوراپ يولغا قويغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇلاردىكى بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن. ما رۇڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ئۆزگىچىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايغا كېلىدىغان بۇ جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ مىللىي ئىسيان ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملار ئەمەس، بەلكى كومپارتىيە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن مىللىي زىيالىيلار ۋە كادىرلار. ئۇ «دۆلىتىمىزدە مەۋجۇت ھەقىقىي بۆلگۈنچىلىك ئامىلى تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە ئاز ساندىكى زوراۋان ئۈنسۇرلار پەيدا قىلغان كوچا ئىسيانلىرى ئەمەس. بەلكى ستالىننىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى بىلەن قوراللانغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھازىرقى زامان مىللىي ئېڭىدۇر. ھازىرقى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش مېخانىزمى بىلەن قوشۇلۇپ، جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بىز سەل چاغلاشقا بولمايدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ما رۇڭنىڭ مەزكۇر ماقالىسى چەتئەلتىكى بەزى خىتاي زىيالىي ۋە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى قوزغىدى. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن خىتاي زىيالىيلىرىدا بىر-بىرىگە قارشى ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، ما رۇڭ قاتارلىق، مەسىلە ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش‏-ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئۆزى دەپ قارايدىغانلار. يەنە بىرى، خۇ پىڭ قاتارلىقلار دېموكراتىك زاتلارنى ئاساس قىلغان مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، دەپ قارايدىغانلاردۇر. خىتاي دىموكراتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ ژۇرنىلى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى تۈنۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ما رۇڭنىڭ كۆز قارىشىنى تەنقىدلىگەن ۋە دالاي لامانىڭ ئالىي ئاپتونومىيە پرىنسىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋە ئۆكتىچى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، بۇنى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق يولغا مېڭىشىنى خىتايلار كۆرسىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «دېمەكچىمەنكى، سىزنىڭ قانداق يولنى تاللىۋېلىشىڭىزغا مەن ئارىلاشماسلىقىم كېرەك. بۇنى شىنجاڭ خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى قارار قىلىشى لازىم. ئەڭ مۇھىمى بۇ. ئاساسىي قانۇنلۇق دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيەت ئېقىمى بىلەن پۈتۈنلەشكەن ھەر قانداق شەخس مەيلى ئۇ ئۇيغۇر بولامدۇ، خەنزۇ بولامدۇ ۋە ياكى چەتئەللىك بولامدۇ ئىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بىر خىل يولنى تاڭماسلىقى كېرەك. بۇ يول توغرا، بۇ يول خاتا دەيدىغان ھۆكۈملەردە بولماسلىقى لازىم. بۇ كىشىلەر قىلىدىغان بىرلا ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى پۇرسەت، شەرت-شارائىت ۋە سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاللىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇشتۇر. يەنى ئۇيغۇرلار خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلىشامدۇ، ھەمكارلاشسا قانداق ھەمكارلىشىدۇ ۋە ياكى ئايرىلىپ ياشامدۇ، بۇنى ئۇيغۇر خەلقى قارار قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تۈنۈگۈن ما رۇڭنى تەنقىد قىلىپ ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ما رۇڭ ۋە ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوللايدىغانلار جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى قوغداپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى بۆلۈنۈشكە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدىغان كىشىلەردۇر. خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە چەتئەلدىكى نۇرغۇن خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ما رۇڭنىڭ پكىرى بىلەن ئوخشايدىغانىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەخت سائادىتى دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ مەسىلىدە خۇ پىڭ بىلەن ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «مەيلى بۆلۈنۈش ياكى بىرلىشىش بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى مۇمكىنچىلىكى بار ئىشلار. مەيلى بۆلۈنسۇن، مەيلى پارچىلانسۇن، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى بىر تارىخىي جەريان. ئۇنىڭ قەد كۆتۈرىدىغان ۋاقتى بولىدۇ ياكى زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ. كىچىك دۆلەتلەر بىرلىشىپ چوڭ دۆلەت بولىدىغان، چوڭ دۆلەتلەر پارچىلىنىپ، كىچىك دۆلەتكە ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى تەبىئىي ھادىسە. بۇ ئىنسانىيەت قوغلىشىدىغان نىشان ئەمەس. بىز قوغلىشىدىغان نىشان خەلقنىڭ بەخت سائادىتى، پۇقرالارنىڭ خۇشاللىقىدۇر. ياۋروپادا نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەر بار. ئۇلار ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتىدىغۇ؟ شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ياشاشنى خالىسا شۇنداق ياشاش ھوقۇقى بار. ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم» دەيدۇ.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي ھەرىكىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يوشۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئەھۋالدا زىددىيەتنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپلەرنىڭ ئاشكارا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.