شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2008 ‏ - يىلى 6 ‏ - 15 ‏ - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي رايونلىرىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئاچقان ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

مۇراسىم ئىستانبۇل شەھرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىم، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەر ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، دىنى، مىللى مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىناق ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھەمشەھەرلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە تويۇنۇپ، ئۆز ئارا ئۇچۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم، مائارىپ ۋە تەلىم ‏ - تەربىيە مەسئۇلى ئابدۇخالىق ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئابلىكىمخان مەخسۇم مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم ‏ - تەربىيە ئىنىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن. بىر يەرگە توپلىشىپ بۇ گۈزەل مۇراسىمغا ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدى ئېيتىمەن، تەشەككۈر ئېيتىمەن. بىزنىڭ بۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغىلى ئىككى يىل بولدى. بۇ جەمئىيەت خەلقىمىزنى بىرلەشتۈرۈش، خەلقىمىزنىڭ ئىلمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ پائالىيەت باشلىغان. جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولسۇن، جەمئىيەتنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ ‏ - قوۋۋەتلەۋاتقانلار بولسۇن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 4 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ھەمشەھەرلىرىمىزگە بىلمىگەننى ئۆگىتىش پرىنسىپ بويىچە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. خىزمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قېرىنداشلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئاللاھ بىزگە مۇشۇنداق خىزمەت قىلىشقا شەرت ‏ - شارائىت ھازىرلاپ بەردى، ئاللاھنىڭ بۇ پەزلى ئىھسانىغا بىنائەن ئاللاھقا كۆپ ھەمدى ئېيتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئىخلاسمەن، ھەقىقەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمىز، قولىدىن كېلىشىچە پائالىيەتلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېرىنداشلارغا ئاللادىن رەھمەت بەرىكەت تىلەيمەن، ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن، ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ ئالىي ئورۇندىن ئورۇن بېرىشنى ئاللادىن تىلەيمەن."

ئابلىكىمخان مەخسۇم يەنە مۇنداق دېدى: " جەمئىيىتىمىزنىڭ مائارىپ ۋە تەلىم ‏ - تەربىيە ئىشلىرىنى قىلىشقا ناھايىتى قىزغىن، ئۆزىنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم ‏ - كېچەكلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۇنۇتقان ھالدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بار. نۇرغۇن ئاچا سىڭىللىرىمىز بار، ئۇلار بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئاز ئەمەس ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ، مەلۇم مىقداردا نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇ تۈردە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز، مەيلى ئوقۇتقۇچى قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن، مەيلى بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان باشقا ئىدارە ھەيئەتنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن بۇلارنىڭ ئەجرىگە ئاللاھتىن رەھمەت، بەرىكەت تىلەيمەن، تېنىگە ساغلىق تىلەيمەن. بىزنىڭ مۇشۇ پائالىيەتلىرىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نىيىتىدە، بىزنىڭ ھەر بىر پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىۋاتقان، مەكتەپلەرگە بالىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىۋاتقان، بارلىق قېرىنداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيا ‏ - ئاخىرەتتە بەخت ‏ - سائادەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن، ئۇلارغىمۇ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ پائالىيەتلەرنى قوللۇغۇسى، ۋە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار، ئامما خىتاي زالىملىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ، گەرچە 10 مىڭ كىلومېتىر يىراقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، مەلۇم تىجارەت ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، خىتايلار بىلەن تىجارەت ۋە ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولغاچقا، شۇ زۇلۇمىدىن قورقۇپ، بىزگە قېتىلالمايۋاتقان، ئامما پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن دۇئا تىلەكلەردە بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن ھىدايەت، ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن."

ئابلىكىمخان مەخسۇم يەنە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولغان شەخسلەرگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىمىز، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈش، خەلقىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، خەلقىمىزنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز، مۇشۇ خىزمەت جەريانىدا، ئاللاھ رازى بولسۇن، نۇرغۇن قېرىنداشلار قولدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىپ، ياردەملىشىپ كەلدى، مۇشۇ خىزمەتلىرىمىزنى ئىشلەشكە ئاللاھ تائالا نۇرغۇنلىغان شەرت ‏ - شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىپ بېرىۋاتقان، مەكتەپلەرگە بالىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاللادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەت تىلەيمەن. ھەمدە ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدا ئاچقان مەكتەپلەردە تەلىم ئېلىۋاتقان ئۆسمۈرلىرىمىزگە دۇنيا ئاخىرەتلىك بەخت تىلەيمەن. مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپخاس ھاجىپقا ئوخشاش، ئىمام بۇخارى، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىگە ئوخشاش ياراملىق ئالىملاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇنداقلا مۇقەددەس دىنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئەخلاقلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن."

مۇراسىمدا يەنە ئۆسمۈر بالىلار نومۇر كۆرسەتتى، شېئىر دىكلاماتسىيە قىلدى. ناخشا ئورۇنلىدى. مۇراسىم ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پىشقەدەملىرىدىن سەلەيھاجىم ئارتۇشى، مەمەتئېلى ھاجىم، ئىسمايىل ھاجىم قاتارلىق شەخسلەر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، سۆز قىلدى ھەمدە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇملىرى تەقدىم قىلدى. مۇراسىم ناھايىتى ھاياجانلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.