شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇردى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئۇنىۋېرسىتېتى سەۋىيىدە ئوقۇغان ياشلار ئۈچۈن ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئىستراتېگىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ئىستراتېگىيە دەرس پروگراممىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەجرىبىگە ئىگە بىر قىسىم تۈرك دوكتور پروفېسسورلار لېكسىيە سۆزلەپ بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2010.12.30
sherqiy-turkistan-maarip-we-hemkarliq-305.JPG 2010-يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىستراتېگىيە دەرسىدىن كۆرۈنۈش
RFA/Arslan

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پروگرامما بويىچە 2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئىستراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيە دەرسكە، لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەھمەت گۈنەي ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مەھمەت گۈنەي ئەپەندى قانداق قىلغاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. چەتئەللىك ئەجنەبىيلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

بۇ قېتىمقى دەرسكە ئوخشىمىغان مەكتەپلەردە پەننى  ۋە دىنى ساھەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۇيغۇر ياشلاردىن 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا مەھمەت گۈنەي ئەپەندى دەرسكە قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەردى.

مەھمەت گۈنەي ئەپەندى،  بىر كىشىنىڭ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلالايمىز؟ قاچان ۋەتىنىمىزگە قايتالايمىز؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

"بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز تۈركىستانغا بارالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بارسا ئېغىر بەدەل ئۆتەيدۇ. پەلەستىنلىك قېرىنداشلارمۇ پەلەستىنگە قايتالمايدۇ. ئەمما بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا كېتىشكە توغرا كەلسە، بۇ پۇرسەت سىلەرنىڭ كۈرەش - مۇجادىلە قىلىشىڭلارنىڭ نەتىجىسىدە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھېچ كىم كېتەلمەيدۇ، ئەمما بىر يىل، 5 يىل ياكى 10 يىلدىن كېيىن بېرىشنىڭ يولىنى ئېچىش سىلەرگە باغلىق. سىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىشىڭلار نەتىجىسىدە ئۇ يەردىكى ئىنسانلار، ئۇ جۇغراپىيە ئۇ تارىخ يېڭىدىن ئازادلىققا ئېرىشىدۇ . مەنمۇ سىلەرگە قوشۇلىمەن. بۇ يەردە بىرلىكتە ياخشى بىر خىزمەتنى ھەممىمىز بىرلىكتە باشلىساق، بۇ خىزمەت شەرقىي تۈركىستاننى ئازادلىققا ئېچىشتۇرۇشتىن ئىبارەت نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تارىخ بويىچە زۇلۇم قىلغان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق، بىگۇناھ ئىنسانلارنى بىر يىل ياكى نەچچە يىل زۇلۇم - ئىسكەنجە قىلغان، تۈرمىلەرگە قامىغان ، چەتئەللەرگە سۈرگەن قىلغان. ئەمما ئۇ زالىملارنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ ئۆلگەندىن كېيىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان، سۈرگەن قىلىنغان كىشىلەر ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى تارىخلاردا كۆرىمىز. "

مەھمەت گۈنەي ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن يول ئېچىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

"سىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغان ئامىل تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئەمەس،  چىڭ تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. ئەگەر سىلەر ئۆز مۇددىئايىڭلارنى، مىللىي سالاھىيىتىڭلارنى  يوقىتىپ قويمىغان تەقدىردە، بىر كۈنى چوقۇم ۋەتىنىڭلارغا قايتىسىلەر ۋە ئۇ يەر سىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇپ خىزمەت قىلىشىڭلار بىلەن ئازاد بولىدۇ.  ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىغا چوڭ خەت بىلەن " شەرقىي تۈركىستان چوقۇم ئازاد بولىدۇ، مەن بىر كۈنى چوقۇم شەرقىي تۈركىستانغا قايتىمەن دەپ خەت يېزىڭلار. ئىرادىنى چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇ خەت ھەر كۈنى سىلەرگە ئۈمىد بېرىپ ئىرادەڭلارنى كۈچەيتىدۇ، ۋەتەنگە قايتىشنى ئەسلىتىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھەقىقەتەن ماددىي جەھەتتىن بەك كۈچلۈك، ئەمما بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى رۇسىيىمۇ بەك كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن پارچىلىنىپ يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ، ئەڭ بۈيۈك كۈچ ئاللاھدۇر. مەنمۇ ياشلىق باھارىمدا دىنى جەھەتتە تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىندى دەپ چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدىم. 12 يىل چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ ياشىدىم. ئەمما يۇرتۇمغا قايتىشتىن بىر كۈنمۇ ئۈمىدسىزلەنمىدىم، ھەر كۈنى ئىچىمدە، مەن تۇغۇلغان ئۆز يۇرتۇمغا قايتىمەن دەپ ئويلايتتىم. ئاللاھ ماڭا 12 يىلدىن كېيىن ئۆز يۇرتۇمغا ئامان - ئىسەن قايتىشنى نېسىپ قىلدى. مېنىڭدەك ئاجىز بىر بەندىگە ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشقا نېسىپ قالغان ئاللاھ سىلەردەك شەرقىي تۈركىستان يولۋاسلىرىغا نېمە ئۈچۈن نېسىپ قىلمىسۇن؟ ئەلۋەتتە نېسىپ قىلىدۇ. "

بىز بۇ ئىستراتېگىيە دەرسىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.