زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە مىللەت ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، پارتىيە رەئىسلىرى، ئىدارە - ئورگان باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى سۇندى.
ئىگىلىشىمىزچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ تۈركىيە دۆلەت مەجلىس زالىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە تۈركىيە - خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى كۆز ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇناسىۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كېيىن ئۇلار سائادەت پارتىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى رىجائىي قۇتان بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرك جەمىيەتلىرى ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور، دوكتور ئورخان بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2008 - يىللىق شەرقىي تۈركىستان دوكلاتىنى سۇندى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.