شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا قاتارلىق مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىككى كىشىلىك ھەيئەت، 2010 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنىدىن 26 ‏- كۈنىگىچە ئىككى ھەپتىلىك زىيارەت ئۈچۈن ياۋروپاغا باردى.

0:00 / 0:00

بۇ جەرياندا ئۇلار كېلىپ چىقىشى تۈرك بولغان شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئالدى بىلەن شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىگە باردى.

شىۋېتسىيە ئۇلارنىڭ ياۋروپا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولۇپ، ئۇلار زىيارىتىنىڭ 1 - كۈنى شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىن شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ پالارمېنتتىكى ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ھىدايەتۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى شۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرغان ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجان قاتارلىق مەسئۇللاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت يەنە شۋېتسىيىدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەركەزلىرىنى ، خەلقئارا ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجان يەنە تەقۋا تۈرك جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلدى.

ئۇلار يەنە نورۋىگىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجان ياۋرۇپا زىيارەتنىڭ نۆۋەتتىكى پروگراممىسى بويىچە گوللاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن شۋېتسىيىدىن يۈرۈپ كەتتى.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىزنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتور ئالىم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.