يىغىندا ئاساسلىقى، بىرلىشىش ۋە جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىرى، ئىتتىپاقسىزلىقتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتلەرگە خاتىمە بېرىش، شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە دۇنيا كۈن تەرتىپىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت قىلىنىپ، پىكىر - مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ كەلمەكتە.
بۇ سۆھبەت يىغىنى ھەر ئاي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاچقا يىغىنغا قاتنىشىدىغان شەخسلەرنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكىدىن غوللۇق دەرىجىدە كۆپەيگەن.
2009 - يىلى 4 - يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە 1 - ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھۆرمەتلىك ئابلىكىمخان مەخسۇم " بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشەلمەسلىكنىڭ تۈپ ئامىلى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ئاخىرلاشتى.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.