شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە 3 ‏- ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى جەمئىيەت مەركىزىگە توپلىنىپ يىغىن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

جەمئىيەتنىڭ بۇ ئايلىق سۆھبەت يىغىنى 3 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا ھەر ئايدىكىگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 80 دىن ئارتۇق ياشلار ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ دۇئا قىلىندى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. يىغىندا ئاساسلىقى، جامائەتلىشىپ بىرلىكتە ياشاش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىرى، يالغۇز ، يەككە - يىگانە ياشاشنىڭ ئەھمىيەتسىز ھايات ئىكەنلىكى ، قېرىنداشلىق ۋە ئۈلپەتلىشىش شۇنداقلا ئەخلاق ئۆلچىمى پرىنسىپى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا سۆز قىلىندى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھۆرمەتلىك ئابلىكىمخان مەخسۇم "قېرىنداشلىق ۋە ئۈلپەتلىشىش" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز قېرىنداشلارغا ھەر ئاينىڭ بېشىدا بىر ئورۇنغا توپلىشىش، شۇ توپلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئارا دىدارلىشىش، ھەمنەپەس بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىكىرداش بولۇش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتىمىز. سۆھبەتتە بىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ۋەزىيىتىمىز، ھازىرقى پىسخىكا ئەھۋالىمىز، روھىي جەھەتتىكى بەزى ئىللەتلەرنى يوقىتىش جەھەتتە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمىز. بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە: قانداق بولغاندا قېرىنداش بولغىلى بولىدۇ؟ قېرىنداشلىقنىڭ مەجبۇرىيىتى نېمە؟ ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلمان دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت ‏- سائادىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قايسى دەرىجىدىكى قېرىنداشلىقنى ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈش لازىم، دېگەن ماۋزۇدا توختىلىمىز. قېرىنداشلىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ مىۋىسى، تەپىرىقچىلىق ناچار ئەخلاقنىڭ نەتىجىسى، گۈزەل ئەخلاق بىر بىرىنى دوست تۇتۇش، بىرى بىرىگە ھەمكارلىشىش، بىر بىرى بىلەن ماسلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ناچار ئەخلاق دېگەن بىر بىرىنى يامان كۆرۈش، بىر ‏- بىرىگە ھەسەت قىلىش، بىر بىرىگە تەتۇر قاراش، نەپرەت بىلەن قاراشنى تەقەززا قىلىدۇ. گۈزەل ئەخلاق دېگەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىش، مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئادەمنى ئىزدەپ تۇرۇش، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش، سەمىمى قېرىنداشلىق ئورنىتىش گۈزەل ئەخلاقتۇر."