ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلار بۇداپېشتتا ھۇن قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى (2)

ۋېنگرىيىدە ماجارلار ھۇن قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى. بۇ ھۇن قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى.

0:00 / 0:00

ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە 8‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنىدىن 15‏-كۈنىگە قەدەر ھۇن قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. «قۇرۇلتاي» دېگەن مىلادىدىن ئىلگىرى ھونلار ھەر يىلى 8‏-ئايدا يايلاققا توپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئات ۋە جەڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مىللەتنى باتۇرلۇققا يېتەكلەيدىغان مىللىي پائالىيەت (يايلاق مەشرىپى) تىن قالغان ئەنئەنە. بۇ پائالىيەتنى ھونلار ئەينى زامانلاردا «قۇرۇلتاي» دەپ ئاتايتتى.

ھۇن سەلتەنەتلىرىنىڭ تارىخىي مىراسى بولۇپ قالغان ۋېنگرىيە دۆلىتى (ئەسلى ھۇنگارىيە، رۇس تىلىدا ھ تاۋۇشى بولمىغاچقا ۋېنگرىيە دەپ ئاتىلىپ قالغان) دە ياشايدىغان ئاساسى مىللەت---مەخمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ماجارلار، بۇ يىلقى ھۇن قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلدى.

بۇ ھۇن قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلايلى.

شۋېتسىيىدىن كەلگەن بەختىگۈل خانىم ماجارلار ئۆتكۈزگەن ھۇن قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ماجارلار بىزنىڭ قەدىمكى ھۇن دەۋرىدىكى مەدەنىيەت بىلەن جاسارەت ۋە كېيىم-شەكىل مۇجەسسەملەنگەن ئەنئەنىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىدىغان چەۋەندازلىق ماھارەتلىرى، بەختىگۈل خانىمدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

بەختىگۈل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇن قۇرۇلتىيىدا مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ساماۋاردا قايناپ تۇرغان ئۇيغۇر چايلىرى ئىنتايىن زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر مۇزىكا ئۇسۇللىرى قۇرۇلتاي سەھنىسىنى لەرزىگە سالغان. ماجارلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھازىرقى مەدەنىيەت پەرقى ھەققىدە ئۆز-ئارا سۆزلىشىپ كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇنىڭدىن ئورتاقلىقلارنى بىللە راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشقان.

بەختىگۈل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇن قۇرۇلتىيىدا، ماجارلار مەشھۇر مۇزىكانت، ناخشىچى مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ CD تەۋەررۈكلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئاتىللا ئىسىملىك ساراي ئاچقان بىر ماجار ئەپەندى، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوچۇق، دېگەن.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، ماجارلار ئۇيغۇرلاردىن بۇداپېشتتا ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ئېچىشنى تەۋسىيە قىلغان.