رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىسىدىكى بىر قىسىم يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق توغرىسۇ يايلىقى قاتارلىق جايلاردىكى يايلاقلاردا چارۋا بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى 2011-يىلى 6-ماي كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىگە قويۇلغان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ غۇلجا ناھىيىسىدىكى ھەرقايسى يېزا، كەنتلەرگە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، رايون تەۋەسىدىكى مال بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلارغا دېھقانلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى يايلىتىش ئۈچۈن چىقارماسلىق، ئامال بار مال-چارۋىلىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدە قوتانغا سولاپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۆز يېزىسىدا بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدە مال بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلارنىڭ توغرىسۇ بايلىقىلا ئەمەس، بەلكى غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق نوغايتۇ يېزىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى توقايلىق، ئىككى ئاچا، كىچىك ئاچا دېگەن جايلار، تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدىكى جىرغىلاڭ، ئاق ئۆزەن شۇنداقلا پەنجىم يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىغا جايلاشقان قارىياغاچ يېزىسىغا قاراشلىق يايلاقلار ھەمدە ئارائۆستەڭ يېزىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قاش دەرياسىنىڭ باشلىنىش ئېقىنلىرى بولغان مايتۆپە، تۆر يايلىقى، 41 تاغ ئېغىزى، كۈنەس ناھىيىسىگە تۇتۇشۇپ كېتىدىغان كېر يايلو قاتارلىق جايلاردىمۇ بەزى جايلارنىڭ سىم توسۇقلار ئارقىلىق قورشىۋېلىنىپ، چارۋىچىلارنىڭ بۇ جايلاردا مال بېقىشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى سارخان ئاخان بۇ يىل 3-ئايدىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلى يايلاقلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 2011-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 150 مىليون مودىن ئارتۇق يايلاقتا مال بېقىش چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سارخان ئاخان سۆزىدە يەنە، مەزكۇر مال بېقىش چەكلەنگەن رايونلاردىكى چارۋىچىلار ھەر موسىغا 6 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا 2011-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا غۇلجا ناھىيىسىدىكى توغرىسۇ يايلىقى قاتارلىق جايلاردا چارۋىچىلارنىڭ مال بېقىشى چەكلىنىدىغانلىقى، غۇلجا ناھىيىسىدىكى چارۋىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئەنگە ئېلىنغان 6131 ئائىلىلىك چارۋىچىغا ھەر يىلى 500يۈەن ئەتراپىدا ياردەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقى، ئۇرۇقلۇق كالا، ئۆچكىلەر ئۈچۈن ھەر بىرىگە 700يۈەن خەلق پۇلى ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى، ئۆز بايانىدا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقان-چارۋىچىلارغا ھەر يىلى 500 يۈەن ئەتراپىدا ياردەم پۇلى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تاغدا ئىلگىرىكىدەك نورمال مال بېقىشى چەكلەنگىنى ئۈچۈن، ئىلى تەۋەسىدە بۇ يىل يازدا يەم-خەشەك تېزلىكتە ئۆرلىگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ گۆش، سۈت، قايماق قاتارلىق يېمەكلىكلەر باھاسىنىڭمۇ بىرلىكتە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە چارۋا بېقىشقا بولىدىغان يايلاق كۆلىمى تەخمىنەن 800 مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىدا دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆز-ئارا گىرەلەشكەن. تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى تاغ ئېدىرلار، قۇمۇل باركۆل يايلىقى، كۇچا ھەم كۈنەسكە تۇتىشىدىغان يۇلتۇز يايلىقى، ئالتاي، تارباغاتاي تاغلىرى باغرىدىكى يايلاقلار، قاراقۇرۇم، ئالتۇنتاغ، تاشقورغان تاغلىرى ئارىسىدىكى يايلاقلار شۇنداقلا تەڭرىتېغىنىڭ ئۈرۈمچى-توقسۇن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرىدا، يېزا-قىرلاردا پۈتۈنلەي چارۋا بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك چارۋىچىلاردىن باشقا يەنە ھەم دېھقانچىلىق ھەم باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان.
رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي تاغ مەنزىرە رايونى، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، ئىلىنىڭ تەلكى تاغلىرى ئىچىدىكى سايرام كۆلى رايونى، شۇنداقلا قۇمۇل باركۆل تاغلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ئېچىلىۋاتقان كۆمۈركان رايونى، غۇلجا ئابرال تاغلىرى باغرىدىكى يايلاقلار، ئالتاي كۆكتوقاي ناھىيىسى ئالتۇن كان ئەتراپىدىكى يايلاق قاتارلىقلار بولۇپ،بۇ 150 مىليون مو دائىرىدىكى يايلاق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ يەر-زېمىن، يايلاقلىرىنى مۇشۇنداق باھانىلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، يايلاقلاردا چارۋا بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق ھەر خىل بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنى تارايتىۋەتسە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پەقەت رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، بەلكى رايوندىكى قازاق، موڭغۇل، تاجىك قىرغىز قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ زور بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇقەررەر ئىكەن.