مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يېزىلغان خەت

مالايشىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى تۈركىيە مەزلۇملار تەشكىلاتى. مەزلۇملار تەشكىلاتى باشلىقى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆز جەمئىيىتى نامىدىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇغا خەت يېزىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«ھۆرمەتلىك تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈنىمىزدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە مالايشىيا 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، 5 ئۇيغۇر بولسا ئوخشاش ئاقىۋەتنى كۈتمەكتە. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بۇ خەۋەرگە قارىتا مىنىستىرلىقىڭىزنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

mezlumlar-jemiyiti-xet-385.jpg
مەزلۇملار تەشكىلاتى باشلىقى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يازغان خېتى. 2011-يىلى 26-ئاۋغۇست. (RFA/Erkin Tarim)

ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن كۆرۈشتئۈرمەستىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاينىڭ قاتتىق جازالىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى يېزىلغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى، ئۇلارنىڭ مالايشىيادەك دۆلەتلەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ باشقا بىر دۆلەتكە كېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. خىتاي زۇلۇمدىن جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئون مىڭ كىلومېتىر يول بېسىپ مالايشىياغا بارغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز. بۇرۇنقى بۇ خىل مىساللاردىنمۇ بىلىمىزكى خىتاي قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىدى.

بىز مەزلۇملار تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىنىستىرلىكىڭلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئەركىنلىكى نامىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: مەزلۇملار تەشكىلاتى رەئىسى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال»

بۇ خەتكە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جاۋاب خېتى يازدىمۇ؟ تۈركىيىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغان مالايشىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىسا تۈركىيە توسۇۋالالامدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزلۇملار تەشكىلاتى باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەزلۇملار تەشكىلاتى باشلىقى سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خەتكە تېخى جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما مالايشىيادىكى 5 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«بىزگە رەسمىي بىر جاۋاب خېتى تېخى كەلمىدى، ئەمما بۇ يەردە مۇھىم بولغان نەرسە بۇ مەسىلىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يەتكۈزۈلۈشى ئىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى بىز مەزلۇملار تەشكىلاتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى. بىز دۇنيانىڭ نەرىدە بىر مەزلۇم-بىچارىلەرنىڭ دەردى بولسا ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزىمىز. ئەپسۇسكى مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىسلام قېرىنداشلىقىغا، ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلماستىن 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى، 5 ئۇيغۇر تېخىغىچە ئۇ يەردە. بىز ھازىر بۇ 5 ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا ھېچ بولمىسا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇۋالىمىز.»

ئۇ، تۈركىيە خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا بۇنداق ئىشلارنىڭ كېلىشىنى توسۇۋالالايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيىنىڭ بۇلارنى توسۇۋالالايدىغان كۈچى بار. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا موھتاج. بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى ئالدىنقى پىلانغا قويغاچقا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە مالايشىيا، پاكىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش دوست دۆلەتلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى كېرەك.»