مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن 'ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى' يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 9 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنى 2010 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنىدىن 28 ‏- كۈنىگىچە مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا 16 دۆلەتتىن ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىندا ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى دوكلات قىلىندى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش پىلانلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە "ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن بولغان ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇنتۇماسلىقنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل دۆلەت ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ زۇلۇمنى خەلققە ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ھەر خىل باھانەلەر بىلەن 16 ‏- 20 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ساھىب چىقىپ، كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ بىر ھەپتىلىك يىغىن جەريانىدا، ھىدايەتۇللاھ ئەپەندى مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم، تۈركىيىنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتىنى سۇنغان.

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى، 47 دۆلەتتە 175 ئاممىۋى تەشكىلات ئەزاسى بار بولغان تەسىرى كۈچلۈك تەشكىلات.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.