19-ئاۋغۇست كۈنى بوشۈن تور بېتىدە، مانجۇلارنىڭ «مانجۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇش» ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى شەرھلىگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مانجۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون قۇرۇش ئارزۇلىرىدا بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ شېرىن چۈشلىرىنىڭ تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، مانجۇلارنىڭ تىل، يېزىقلىرىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىپ، خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
مانجۇلار 1115-1234-يىللىرىغىچە جىن سۇلالىسىنى قۇرۇپ ھاكىمىيەت ئۈستىدە ياشىغان. كېيىن موڭغۇللارغا بويسۇنغان. 1616-يىلى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، «كېيىنكى جىن سۇلالىسى» نى قۇرۇپ، سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1636-يىلى سۇلالە نامىنى «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى» دەپ ئۆزگەرتكەن. تاكى 1912-يىلى خىتاي مىللەتچىلىرى باش كۆتۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىنگو» نى قۇرغۇچە بولغان شۇنچە ئۇزۇن ئەسىرلەر مابەينىدە، پۈتۈن خىتاينى ئىدارىسى ئاستىغا ئالغان ھالدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1924-يىلى ئاخىرقى پادىشاھ پۇيى ئوردىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، مانجۇ خانىدانلىقىغا رەسمىي خاتىمە بېرىلگەن.
ئەمما، 1931-يىلى ياپونىيە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئىشغال قىلىپ، 1932-يىلى «مانجۇرىيە دۆلىتى» نىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە 1934-يىلى ئۇنىڭ نامىنى «مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسى» قىلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ ئىمپېرىيە 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىللەتچى خىتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تەشەببۇسنامە ۋە تەشۋىقاتلىرىدا «جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنى خىتاي، مانجۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، تىبەتتىن ئىبارەت بەش مىللەت ئورتاق قۇردى» دېيىلگەن. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن مانجۇدىن باشقا مىللەتلەرگە ئاپتونوم رايون قۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مانجۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى خىتاي زېمىنى مانجۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى زېمىن بولۇپ، خىتاي تۇپراقلىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر دىيارى، ئىچكى موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋارىسلىق قىلغان زېمىنلاردۇر. خىتاي كوممۇنىستلىرى تېخى، قانچە ئون ئەسىرلىك مانجۇ تارىخىنى خىتاي تارىخى قىلىپ سۆزلەيدۇ. تارىختا مانجۇلار ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتى دەپ ئاتايدۇ. ھونلار، مانجۇلار، موڭغۇللارنىڭ قانچە-قانچە ئەسىرلىك مۇستەملىكىسىدە ياشىغان خىتايلار، بۇ تارىخ مۇساپىسىدە بارلىققا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۈلكى، مەدەنىيىتى ھېسابلايدۇ.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار ئەسلى مەنبەسى توڭگۇسلاردىن بولغان مانجۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. 2000-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 160 مىليوندىن يۇقىرى. ئەمما بۈگۈن، ئۇلارنىڭ نە تىل، يېزىقى، نە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، نە مەدەنىيەت نامايەندىلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشىدەك بۇ قەدەر ئېغىر پاجىئەلەرگە يولۇقۇشىغا، ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، خىتاي تىلىنى مانجۇ تىلىدىن ئەتىۋار بىلگەنلىكى، مانجۇچە كىيىنىشتىن خىتايچە كىيىنىشنى ئەلا كۆرگەنلىكى، خىتايلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشتىن ساقلىنالمىغانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار سەۋەب بولغاندىن تاشقىرى، خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىمىغا، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە باش ئەگكەنلىكى ئاساسىي سەۋەب بولغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى مانجۇلار تارىختا يولۇققان بېسىملارغا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، بەلكى تېخىمۇ ئېغىر يولۇقۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ خىتايدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلغاندا مانجۇلار يولۇققان قىسمەتلەردىن ساقلىنالايدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى سۆزىدە، «قوش تىللىق مائارىپ»نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىلىق كۆرۈۋاتقان بەزى ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھلاندۇردى.