غايىپ بولغان مانجۇلار ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

مانجۇ مىللىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىق بولغان چىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خىتاي دۆلىتىنى قانچە ئەسىرلەپ مۇستەملىكىسىدە تۇتقان بىر مىللەت بولۇشىغا قارىماي، بۈگۈن تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىش گىرداۋىغا يەتكەنلىكى تارىخچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يېقىندا خىتاي تىلىدىكى "بۈيۈك ئېرا" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بىر پارچە تەپسىلات ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مانجۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

"بۈيۈك ئېرا" تور بېتىنىڭ 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانجۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى 9،8 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، خىتايدا تۇڭگانلاردىن قالسىلا نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى سانىلىدۇ. ئەمما خىتايدا بۈگۈن مانجۇ تىلىنى بىلىدىغان 100 ئادەم قالمىغان. مانجۇ يېزىقىنى بىلىدىغانلارنىڭ سانى 20 كىشىگىمۇ يەتمىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە مانجۇ مەدەنىيىتى مۇتەخەسسىسلىرى مانجۇ تىل - يېزىقىنى قوغداپ قېلىش، مانجۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەسلىكنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۈگۈن قوغداپ قالغۇدەك مانجۇ تىل - يېزىقى، مانجۇ مەدەنىيىتى قالمىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى كۈندە ئۆزىنى مانجۇ ئاتاپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا يەسلىدىن باشلاپ خىتاي تىل - يېزىقى بىلەن تەربىيىلەنگەنلەر بولۇپ، مانجۇچە ئۆرپ- ئادەتلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن. بىر قىسىم مانجۇ زىيالىيلىرى 1985 - يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭدا مانجۇ تىلىدىن ھەقسىز كۇرسلارنى ئېچىپ، مانجۇ مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاسارە - ئەتىقە سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن بۇ مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.

ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەلۇم بولغىنىدەك، 1876 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ زېمىننىڭ نامىنى "شىنجياڭ" دەپ ئاتىغان زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ يېتەكچى كۈچى مانجۇلار ئىدى. بۈگۈن تارىخ سەھىپىسىدىن تامامەن دېگۈدەك يوقالغان مىللەت مانجۇلار، يەر شارىدا يوقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تىل ۋە مەدەنىيەتمۇ مانجۇ تىل - مەدەنىيىتى بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مانجۇلارنىڭ يوقىلىشىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ دەرسلىك دەپ قارىماقتا. بولۇپمۇ ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يەسلىدىن باشلاپ مەجبۇرى يولغا قويۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مانجۇلار يولۇققان تەقدىرگە دۇچار بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلماقتا.

بەزى زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، تىل- يېزىقىدىكى خىتايغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيىدىن ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزى زىيالىيلار، خىتاينىڭ بۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشسا، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئانا تىلىدىن مەجبۇرى ئايرىلسا، مانجۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈننىڭ ھامان بىر چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى "ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى" دەپ قارايدىغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە خانىم "ئۇيغۇرلار پەقەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىقلا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ" دېدى.

راھىلە خانىم يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداش ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

"بۈيۈك ئېرا" تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى "گۇگوڭ"غا ئوخشاش مەشھۇر ئوردا - سارايلار مانجۇ مەدەنىيىتىنىڭ يالدامىلىرى بولسىمۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەشەمىتىگە قىزىققۇچىلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن مانجۇلارنىڭ تىل - مەدەنىيىتىگە ئائىت باشقا مىراسلار مانجۇلار ئارىسىدىمۇ يوقاپ كەتكەن.

مانجۇلار شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلوڭجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاساسى ئاھالىسى خىتاي بولغان بۇ ئۆلكىلەردە خىتايلارنىڭ ئارىسىغا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كەتكەن.

مانجۇ زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانجۇ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېتىبار بېرىش بولمىغان. خىتاي مىللىتىنىڭ كەمسىتىش ۋە يەكلەش خاھىشلىرىمۇ خىتايلىشىشنى تېزلەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى بولغان. بولۇپمۇ، خىتايلار بىلەن قارا قويۇق ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇش ھادىسىلىرى مانجۇ مىللىتىنى ئېرىتىپ تۈگەتكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ تىپىك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە تۇتۇلىشىنىمۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئايلاردا "ھالقىما تەرەققىيات ستراتېگىيىسى" شۇئارى بىلەن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى خىتايدىكى 17 ئۆلكە، شەھەرگە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئۆلكىلەردىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقى ياكى يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. قوشتىللىق مائارىپ ۋە كۆچمەن كەلكۈنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن ئىكەن.