خىتايدا ۋە خەلقئارادا ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش سادالىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ۋە خەلقئارادا ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش سادالىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈكۈتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ئاندېلى 11-ئىيۇن «نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ؟» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ماۋ زېدۇڭ زامانىدا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ 37 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن. ماۋ زېدۇڭ بۇ جىنايەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن دەرھال «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى قوزغاپ، يەنە قانچە مىليونلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

«چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ بولۇپمۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە زىيالىيلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار خىتاي تور بەتلىرى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە بارغانسېرى كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بېرلىندا چاقىرىلغان خەلقئارا مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى يىغىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، خارۋاتىيىنىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى پاۋىل سەپاروۋىچ ئەپەندىمۇ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە خىتايدا 39 مىليون ئادەمنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي تور بەتلىرى يازغۇچىسى ماۋ يۈشى «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىنى ئېتىراپ قىلايلى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋ زېدۇڭ ئەسلى تەبىئىتى تولىمۇ رەزىل بىر كىشى ھەم مىليونلىغان ئىنساننىڭ قاتىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۈرىتى ھازىرغىچە تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېسىقلىق تۇرماقتا. خىتاينىڭ خەلق پۇلىدا سۈرەتلىرى بار. ھازىرغىچە ئىلاھىي شەخس سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭ ئىلاھىيلىق تەرەپلىرىنى يوقىتىپ، ئاددىي ئادەملىك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش كېرەككەن.

ماۋ يۈشى «ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىنى ئېتىراپ قىلايلى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتايدىكى بىر بۆلەك ماۋ پەرەستلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى سوتقا تارتىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغان. ماۋ پەرەستلەر بىلەن خىتاي زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر بۇ تۈپەيلىدىن خىتاي تور بەتلىرىنى قاپلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ماۋ يۈشىنى سوتقا تارتىشقىمۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشقىمۇ ئوخشاشلا سوغۇققان پوزىتسىيىدە بولغان.

فرانسىيە مۇخبىرى ئاندېلى بۇ تېما ئۈستىدە 57-يىلى سولچىل ئاتىلىپ كۈرەشكە تارتىلغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي زىيالىيسى چېن فەنشياۋنى زىيارەت قىلغان. چېن فەنشياۋ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماۋ يۈشىنى سوتقا تارتىشقا پېتىنالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرى ئېتىراپ قىلىنغان ھۆججەتلەر بار. بۇ مەسىلە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ مۇتلەق تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەگەر ماۋ زېدۇڭ مەسىلىسى قانۇن جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىش ئۈچۈن سوتقا چىقىرىلسا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بولىدۇ. ھازىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئىنتايىن قىيىن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. بىر تەرەپتىن ماۋپەرەستلەر چۇقان كۆتۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئىسيان قىلماقتا.»

چېن فەنشياۋ فرانسىيە مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ يەنە مۇنداق دېگەن:
«ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس. ئۇ پارتىيىگە بۇيرۇق بېرىپ ئۆلتۈرگۈزگەن. بۇ دېگەنلىك، ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىگە كوممۇنىستىك پارتىيىمۇ شېرىك دېگەنلىك بولىدۇ. ھازىرقى ھوقۇقدارلار ئەنە شۇ جىنايەتكار پارتىيىنىڭ ئەمەلدارلىرىدۇر. ئۇلار قانداقمۇ ئۆز پارتىيىسىنى سوتقا تارتىشقا پېتىنالىسۇن؟»

ئۇ سۆزىدە ماۋ زېدۇڭنىڭ جىنايەتلىرىگە دىڭ شياۋپىڭنىڭمۇ شېرىك ئىكەنلىكىنى، دىڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ سەۋەبتىن ماۋ زېدۇڭ توغرىلىق زۇۋان سۈرۈشكە پېتىنالمىغانلىقىنى، ئۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ نۇرغۇن سەپداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولغان بولسىمۇ، ماۋنىڭ رەسىمىنى تيەنئەنمىن مەيدانىدىن ئېلىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھازىرقى ماۋ پەرەستلەرنىڭ ماۋ زېدۇڭنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدىغان دېھقانلار، ئىشسىز قالغان زىيالىيلار ۋە ئازار يېگەن خەلقنىڭ نارازىلىق ھېسلىرىدىن پايدىلىنىپ پارتىيىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يا ئۇلارنى باستۇرۇشقا، يا ماۋ زېدۇڭنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ خىتايدا ئېغىر قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.