ماۋ زېدوڭ "شىنجاڭ" نىڭ جوڭگونىڭ مۇستەملىكە رايونى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان


2006.12.27

mao-stalin.jpg
ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى موسكۋادا .

ماۋ زېدوڭ 20 - ئەسىر جوڭگو تارىخىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان شەخس. ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ، 20 - ئەسىر دۇنيا تارىخىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىستىبداتتۇر. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھوقۇق يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئىستىبىدات ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلدى شۇنداقلا ئۇنىڭ دەۋرىدە مىليونلىغان كىشىلەر ئاچارچىلىق ۋە سىياسى زىيانكەشلىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلدى.

ماۋ زېدوڭ، "شىنجاڭ" جوڭگونىڭ مۇستەملىكىسى، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇرلارغا جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلدى. خىتاي يازغۇچى جاڭ روڭ، "ماۋ زېدوڭ ۋە بىلىنمىگەن ھېكايىلەر،" دېگەن كىتابىدا ماۋ زېدوڭ ۋە خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانمىغان بەزى پاكىتلارنى ئاشكارىلىدى.

تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر

ئەنگلىيىلىك خىتاي يازغۇچى جاڭ روڭنىڭ ئەنگلىيىلىك ئېرى جون خوللىدەي بىلەن بىرلىشىپ يازغان "ماۋ زېدوڭ ۋە بىلىنمىگەن ھېكايىلەر،" دېگەن ئەسىرى، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا نەشر قىلىنغاندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 11 تىلغا تەرجىمە قىلىندى.

ئەسەردە ئاپتور، ماۋ زېدوڭنىڭ خۇسۇسى ھاياتى، ئائىلە مۇناسىۋتى، 1920 - ۋە 30 - يىللاردىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى كۈرەش، ماۋ زېدوڭنىڭ پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىچىدە شەخسى نۇپۇزىنى تۇرغۇزۇش، شىئەن ۋەقەسىدە ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن جاڭ كەيشىنى قويۇۋېتىش، يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش، ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدىكى كومپارتىيە ‏- سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى، ماۋ زېدوڭنىڭ ئاخىرقى 27 - يىلدىكى ھاياتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، كومپارتىيە 1949 - يىلى ھاكىمىيەت تەختىگە چىققان دەۋردىكى خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ ماۋ زېدوڭ 1950 - يىلى 2 - ئايدا ستالىن بىلەن تۈزگەن "جوڭگو - سوۋېت كېلىشىمى" دە شەرقىي تۈركىستان ۋە مانجۇرىيە مەسىلىسىگە دائىر ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانمىغان تارىخىي ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى.

ماۋ زېدوڭ "شىنجاڭ" نىڭ جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان

exmetjan.jpg
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىم رەخبەرلىرى.

جاڭ روڭ بىلەن جون خوللىدەينىڭ بۇ ئەسىرى تەيۋەن بىلەن خىتايدا نەشر قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەسەر خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىدا زور غۇل - غۇلا قوزغىماقتا. جاڭ روڭ ۋە جون خوللىدەينىڭ تارىخىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا ماۋ زېدوڭ 1949 - يىلنىڭ ئاخىرى موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن بىلەن 1950 - يىلى 2 - ئايدا ئىمزالىغان " جوڭگو - سوۋېت دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى" نىڭ مەخپىي ماددىسىدا "شىنجاڭ" بىلەن مانجۇرىيىنى جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى، دەپ ئېتىراپ قىلغان ۋە بۇ ئىككى رايوننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىر دائىرىسىدىكى رايونلار، دەپ قوبۇل قىلغان.

جاڭ روڭ، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئاخبارات ئورگىنى دۇۋېي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ "ماۋ زېدوڭ ۋە بىلىنمىگەن ۋەقەلەر" دېگەن كىتابى توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ماۋ زېدوڭنى شىنجاڭ ۋە مانجۇرىيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ساتتى، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ماۋ زېدوڭ ۋە جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا "شىنجاڭ" نى مۇستەملىكە رايونىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

جاڭ روڭ، "بىز شەرتنامىنىڭ بۇ مەخپىي ماددىسى توغرىسىدا كىتابىمىزدا ناھايىتى تەپسىلى توختالدۇق. شەرتنامىدا ماۋ زېدوڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 تەسىر دائىرىسىنى ئېتىراپ قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن مانجۇرىيىنى مۇستەملىكە، دەپ قوبۇل قىلغان. ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆزى بۇ رايونلارنى جوڭگونىڭ مۇستەملىكىسى، دېگەن،" دەيدۇ.

جاڭ روڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەينى چاغدا ماۋ زېدوڭ، خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسىنىڭ بۇ مەخپىي ماددىلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن شۇنداقلا بېيجىڭدىكى ليۇ شاۋچى ۋە خۇ چياۋمۇلارغا ئالاھىدە يوليورۇق بېرىپ، شەرتنامىنىڭ بۇ ماددىلىرىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن جاڭ روڭ، شۇنداقتىمۇ شەرتنامىنىڭ بەزى ماددىلىرى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ، ئەينى چاغدا بېيجىڭدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كومپارتىيىنىڭ "ۋەتەن ساتقۇچ پارتىيە، دەپ ئەيىپلەنگەنلىكىنى يازدى. ئۇ، بۇ ۋەقەلەر ليۇ شاۋچىنىڭ ئەينى چاغدا يازغان بىر دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى گومىنداڭ دەۋرىدە ياكى كومپارتىيە ھاكىمىيەت سورىغان 57 يىلدىن بېرى شىنجاڭدا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى، يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى ئىزچىل تۈردە سوراق قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى1949 -يىلى "خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسى" دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا دائىر مەخپىي كېلىشىمنى تۇنجى قېتىم ئاشكارە تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

10 يىل سەرپ قىلىنغان كىتاب

جاڭ روڭ ۋە جون خوللىدەيلەر بۇ ئەسىرىنى پۈتۈرۈشكە 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەر - ئايال يازغۇچىلار بۇ ئەسەرنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى، تەيۋەن، ياپونىيە، ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپخانىسىدىكى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانمىغان ئەڭ مەخپىي ئارخىپلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئاپتورى جون خوللىدەي، ئەنگىيىلىدە تونۇلغان سوۋېتشۇناسلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ ئەسەرنى تاماملاش ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرىدىكى خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتىگە دائىر ھۆججەتلەرنى تەكشۈرگەن. جاڭ روڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ماۋ زېدوڭ مانجۇرىيە بىلەن شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدىكى رايون، دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۇ رايونلاردا زور سىياسى، ئىقتىسادى ئىمتىيازلار بېرىلگەن. ئۇ، خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسىدىكى شىنجاڭ بىلەن مانجۇرىيە جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى، دېگەن ماددىلار ستالىن 1953 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خۇرۇشېۋنىڭ بۇ ماددىلارنى خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسىدىن بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماۋ زېدوڭ، 1949 - يىل 12 - ئايدىن 1950 - يىلى 2 - ئايغا قەدەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ، موسكۋادا 3 ئاي تۇرغان ۋە فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىدا " خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسى" ئىمزالاندى. ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي سوۋېت مۇناسىۋەتلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئەينى چاغدا خىتاي - سوۋېت شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى رەئىسى سەيپىددىن ئەزىز قاتناشقان ۋە كېلىشىمنىڭ شىنجاڭغا دائىر ماددىسىغا ئۇ ئىمزا قويغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.