بۇ ئوبزورنى يازغۇچى ئابدۇراخمان ھاجىمەلەك ئەپەندى يازغان. بۇ ئوبزوردا ئاساسلىقى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئاخباراتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياكى قارشى تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئوبزوردا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ئاخباراتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۈرۈمچىدە باشلىنىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە كەڭ تارقالغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بىۋاسىتە ئىشغالچى كۈچلەر ۋە خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن مەيدانلاردا ئۆلتۈرۈلدى. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچلىرى قانلىق باستۇرۇشى بىلەن مىڭلىغان تۈرك قەتلى قىلىندى. خىتاي بۇ قېتىمقى قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ قالالمىدى. ئاخباراتلار بۇ ئوپئوچۇق قەتلىئامغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدى. تۈركىيىنىڭ ۋەقەگە قىرغىنچىلىق دەپ باھا بېرىشى ۋە خەلقئارا سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقىشى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە شاھىت بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەڭدىشى يوق قارشىلىقىنى كۆردى ۋە تۈركىيىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقى كۆرسەتكەن قارشىلىقى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ قەتلىئام قىلىشىنى توسۇپ قالدى.
ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاننى 5-ئىيۇل قارشىلىق ھەرىكىتى بىلەن تۆنىدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى، ئىلگىرى 1990-يىلى بارىن ئىنقىلابى ۋە 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن چوڭ قارشىلىق ھەرىكەتلەر ۋە قەتلىئاملار تۈركىيىدە يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇلمىغان ئىدى. مەيلى شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقە قىلىش بولسۇن، مەيلى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەشتىكى قىيىنچىلىقلىرى بولسۇن، مەيلى ئۇچۇر تارقىتىشتىكى تەجرىبىسىزلىكى سەۋەبىدىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى قوللاشقا ئېرىشەلمەي تاشلىنىپ قالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا توسالغۇ بولغان ئىدى. بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئىمكانىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى. كېرەكلىك ھېس-تۇيغۇ يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئۇچۇر ئىگىلەش توغرىسىدا ئازدۇر- كۆپتۇر ئىلگىرىلەشنىڭ بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاندىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بىر تەرەپتىن ئاخباراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، يەنە بىر تەرەپتىن پاجىئەلىك شەكىلدە ئىپادە خاتالىقلار ۋە تۆھمەتلەرگە دۇچ كېلىشكە باشلىدى.
ئوبزوردا يازغۇچى يەنە، تۈركىيىدىكى بىر قىسىم كوممۇنىست تەشكىلاتلار ۋە كوممۇنىست تەشۋىقات ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلۇ دېگەن ئاتالغۇلارنى كۆپ قوللىنىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئايدىنلىق دېگەن ژۇرنالنىڭ ۋە ئۇلۇسال قانال دېگەن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تۈركىيىدىكى ماركىستچى كوممۇنىستلارنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى خىتاي ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈرت مەسىلىسىگە ئوخشاش كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئايدىنلىق ژۇرنىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن نەشر قىلىنىپ ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار يېزىلغان. بۇ تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ھەقىقەتتىن يىراق، توغرا بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ئوبزورچى ماقالىسىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلۇ دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ ئۇچۇر تارقاتقان ئاخباراتلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق يازغان: ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتى يوق تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەر، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالچى خىتاينىڭ ئاتىغىنى بويىچە شىنجاڭ دەپ ئاتاپ ياكى بەزى نادان ئىنسانلار ئۇيغۇرلۇ دەپ ئاتاپ ئىنسانلارنىڭ زېھنىلىرىگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى. بۇنى قەستەن بىلىپ تۇرۇپ قىلغان سولچى ئاخباراتلاردۇر ۋە بىلمەي دىققەت قىلماستىن بۇ ئاتالغۇلار بىلەن ئۇچۇر تارقاتقان ئىسلامى ئاخباراتلارمۇ بار.
بۇ ئوبزوردا ئاپتور ئاخبارات ئورگانلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ يەر شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلۇ ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان. بايرىقى، تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئوپئوخشاش ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق. شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى قوللىنىش ھەقىقەتنى داۋا قىلىش ھەم بەزى يوقاپ كەتكەن جۇغراپىيىنىڭ يېڭىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشى دېمەكتۇر. شەرقىي بولغان زېمىننىڭ غەرب تەرىپىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئىزدىنىلىدۇ. ئىشغالچى ئىمپرىيالست كۈچلەر، قورچاق دىكتاتورلار بولسا، بۇ ئىزدىنىشتىن قورقىدۇ، خىتاي ۋە رۇس، غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى دىكتاتورلىرى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەتۈر تەشۋىقات قىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان ئىسىملىرىنى قوللانمايدۇ. مۇسۇلمان تۈرك دۈشمەنلىرى بولغان خىتاي ۋە رۇس تۈركىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي تۈركىستاننى شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيىدىكىلەر بۇ ئاتالغۇلارنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى بىلمىگەن بىلەن، خىتاي ۋە رۇسلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭ ئاتالغۇسىغا تۈزىتىش بېرىپ شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان دۇنيا بۇلتەنى ناملىق تور گېزىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن ئۆلچەملىك ۋە تەلەپكە لايىق تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تەلەپكە لايىق شەكىلدە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان، ئاخباراتلارغا ئۈلگە بولۇشقا لايىق بىر تور بېكەت بار، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا بۇلتەنى www.Dunyabulteni.Net، دۇنيا بۇلتەنى تور گېزىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تۈركچە خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، نۇرغۇن خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى ۋە بۇ ھەقتە ھازىرمۇ ئۇچۇر تارقىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تور گېزىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش بۇرچىمىز بار.
بىز ئاخباراتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىدا ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرى ئالدۇق.