لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ (1)
2006.10.12
ئىرلاندىيىدە چىقىدىغان Irish Times گېزىتىنىڭ 6 - ئۆكتەبىر سانىدا، يازغۇچى كىلىففورد كۇناننىڭ "لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ دېگەن تېما خىتايدا تېخىچە تالاش-تارتىشتا" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە خىتايدا سىجىل داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۇنازىرە خەۋەر قىلىنىش ئارقىلىق زامانىمىزدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رىئال مەسىلىلەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر قىسقارتىپ بايان قىلىنغان.
ئۈرۈمچى ئوكيانلارنىڭ ئەڭ يېقىن يېرىدىنمۇ 2250 كىلومېتىر يىراقلىقتا
- خىتاينىڭ غەرب تەرىپىدىكى "شىنجاڭ" دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر چوڭ رايون، بۇ جاينى زىيارەت قىلغانلىكى كىشىدە بېيجىڭ تەرەپتىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە بىر جاي دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، - دەپ بايانىنى باشلايدۇ ئىرلاندىيىلىك يازغۇچى كىلىففورد كۇنان، - بۇ رايوندىكى بازارلار، مەسچىتلەر، يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقى، ئەنئەنىۋىي كىيىم - كېچەك شەكىللىرى، ئۇلاردىكى ياۋرۇپا ئېرقىغا خاس ئالاھىدىلىكلەر، بۇ رايوندا داۋاملاشقان تۈركىيچە يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىگە بۇ رايوننىڭ شەرقىي ئاسىياغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە بىر رايون ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. دەرۋەقە، بۇ شەھەر دۇنيادىكى ئوكيانلارنىڭ ئەڭ يېقىن يېرىدىنمۇ 2250 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ھە دېسىلا چاڭ -توزان ياغىدىغان بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شەكلىدىكى بۈك-باراقسانلىق كۆركەم كوچىلار تېخىچە مىنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ئىنتايىن تىز سۈرئەت ماكانلىشىۋاتقان خەن مىللىتى
- بازارلىرىدا ناھايىتى ئۆتكۈر پىچاق-خەنجەرلەر ئوچۇق-ئاشكارا سېتىلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى، خىتايدا گەرچە ياۋايىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جاي دەپ ھېسابلانسىمۇ، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، - ئەمما "خەن" دەپ ئاتىلىدىغان كۆپ سانلىق مىللەت دەل ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغان، دۇنياغا ئەيىبلەپ كۆرسىتىۋاتقان، پىچاق-چاقماقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ئىنتايىن تىز سۈرئەت كېلىپ ماكانلىشىۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە كىشىگە 1970 - يىللاردىكى ئىرلاندىيىنى ئەسلىتىدۇ.
خۇجىنتاۋ يېقىندا تارىختىكى خانلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلدى
- خىتاينىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان بۇ تېررىتورىيىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز يىللاردىن بۇيانقى بىر ئۆلكىسى دەپ ھېسابلايدىكەن، گەرچە بۇ تېررىتورىيىنى ئىدارە قىلىش خىتاي ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمەي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، - ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنى ئۆتكەن ئەسىردە مانجۇر خانلىرى بويسۇندۇرغان دېگەننى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ھەتتا خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ، يېقىندا بۇ رايوننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننى ئىدارە قىلىشتا تارىختىكى خانلاردىنمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكى ۋە رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى
- ئەرەبچە ئېلىپبە شەكلىنى قوللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۈزبېك ۋە قازاقلارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا بىمالال يۈرىدىغان سېپىگە خىتايدىن كەلگەن "خەن" دېگەن مىللەت قېتىلىۋالغانلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھازىر بۇ رايوندا ئاساسىي گەۋدە بولۇۋالغان، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، - بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى غۇلجىدا ئۇيغۇرلارنى "بۆلگۈنچى" دېگەن بەدنام بىلەن كەڭ- كۆلەمدە باستۇرغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇشۇنداق ئادالەتسىز مۇئامىلىسى ئۇيغۇر ئايال تىجارەتچى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللاش تەرەپدارى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 11 بالىغا ئانا بولغان رابىيە خانىم ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاشقا باشلىغان ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەرگە ئاشكارىلىغان" دېگەن بەدنام بىلەن تۈرمىگە تاشلىدى. رابىيە خانىم بۇيىل ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلدى. يازغۇچى كىلىففورد كۇناننىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىزچىل تۈردە خىتاينى بۇ رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجايىنلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتىدۇ
-خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھىتياجىنى، شۇ ئېھتىياج ئۈچۈن ئۇيغۇرلار باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دۇنيا چۈشىنىدۇ، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، - شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينىڭ يەر ئاستىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى بار، قىسقىسى بۇ رايوندىكى چەكسىز چۆل-جەزىرىلەردە ئېلېكتىر ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۈكسىمەيدىغان شامال بايلىقىمۇ بار. شاماللا ئەمەس، ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئويمانلىقىلاردا يېتەرلىك ئاپتاپمۇ بار. كىلىففورد كۇناننىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، بۇ رايوندىكى بايلىقلارنى خىتاينىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە بىۋاستە شۈمۈرۈپ كېتىدىغان نېفىت تۇرۇبىلىرىدىن باشقا، ھەتتا ئاپتوموبىللىرىمۇ كېچە-كۈندۈز سېپى ئۈزۈلمەي قاتناۋاتىدۇ. (داۋامى بار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسرائىلىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس Yitzhak Shichor بىلەن سۆھبەت(1)
- "بىرلىك" گېزىتىدە "شەرقىي تۈركىستان"
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (2)
- چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (1)
- خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار
- خىتايلار گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسىدىن نارازى بولدى