لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ (2)


2006.10.13

ئىرلاندىيىدە چىقىدىغان Irish Times گېزىتىنىڭ 6 ‏- ئۆكتەبىر سانىدا، يازغۇچى كىلىففورد كۇناننىڭ "لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ دېگەن تېما خىتايدا تېخىچە تالاش-تارتىشتا' سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە خىتايدا سىجىل داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۇنازىرە خەۋەر قىلىنىش ئارقىلىق، زامانىمىزدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رىيال مەسىلىلەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر قىسقارتىپ بايان قىلىنغان.

زامانىمىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن تونىلىۋاتقان بۇ رايون قەدىمدە يىپەك يولى بىلەن مەشھۇر ئىدى

‏-'شىنجاڭ' دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايون، زامانىمىزدا ئۆزىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇشتىن ئىلگىرى يىپەك يولى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ‏-‏-‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان "لەغمەن تېخنىكىسىنى ماركو پولو ئېلىپ كەلگەنمۇ ياكى ئۆگىنىپ كەتكەنمۇ؟ دېگەن تېما خىتايدا تېخىچە تالاش-تارتىشتا' سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ‏-‏-‏-‏- قەدىمقى زاماندا بۇ رايوندىن ئۆتىدىغان يىپەك يولىنىڭ تۈگە كارۋانلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا- بىلەن ياۋروپانى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تۇرغان ئىدى. قەدىمقى بۇ يىپەك يولى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين، ماركو پولو...لارنى غەربتىن شەرققە ئېلىپ كەلگەن بولسا، چىڭگىزخان، سارابان ...لارنى شەرقتىن غەربكە ئېلىپ بارغان. يىپەك يولىدا يۈز بەرگەن مۇشۇنداق ۋەقەلەر ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنى بىر-بىرىگە چۈشەندۈرۈلگەن. مۇشۇ يىپەك يولى بىلەن، ھەتتا بۇنىڭدىن بىرنەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ياۋروپادىكى سېلتىك ئاھالىلىرى بۇ رايونغا كېلىپ يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بىرلەشكەن. شۇ زامانلاردىكى تارىخنىڭ پاكىتى بولغان تەكلىماكاندىكى مومىيالار ھازىر كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.

خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى بۇ رايونغا قەدەم باسقاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ‏

- خىتاي خەن سۇلالىسىنىڭ ئادەملىرى بۇ رايونغا مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى ئەسىردە قەدەم باسقان، ‏‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، ‏- ئۇلار قەدەم باسقاندا، بۇ رايوندىن موڭغۇلىيە يايلاقلىرىغىچە يېيىلغان تۈركىي ئاھالىلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرى قارشىلىق كۆرسۈتۈپ، ئۇلارنى پاراكەندە قىلغان. شۇنداق توقۇنۇشلۇق زامانلاردىن كېيىن، بۇ رايوندا بۇددىزم مەدەنىيىتى پەيدا بولدى. بۇ مەدەنىيەت خىتاي سۇلالىلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. مىلادى 8 ‏- ئەسىردە، خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسى قايتىدىن بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ كانتروللىقى ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان ھامان، ئۇ يەنە موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى تۈركىي - موڭغۇل ئاھالىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئاخىر مىلادى 11 ‏- 12 ‏- ئەسىرلەردە، بۇ رايوندا پۈتۈنلەي تۈركىيلەرنىڭ ھاكىملىقى تىكلەنگەندىن كېيىن، ئۇلار بۇ رايونغا ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كەلدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باش يېرىمىدا ئۈرۈمچى خەتەرلىك جايغا ئايلانغان ئىدى

‏- مىلادى 1755 ‏- يىلى، مانجۇر خانلىرى بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، ‏-‏-‏-‏- لېكىن ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى مىلادى 1870 ‏- يىلىدا خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، دېگەن پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا 'خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى 1865 ‏- يىلى بۇ رايوندا، ياقۇببېك يېتەكچىلىكىدىكى مۇسۇلمانلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپ جاكارلىغان مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى يوقاتقان ئىدى' دەپ چۈشەندۈرىدۇ. دەرۋەقە، ياقۇببېك ئەينى زاماندا بېرىتانىيىنىڭ ئاگېنىتى ئىدى، ئۇ ھىندىستاننىڭ ھېمايىسى ئاستىدا چار رۇسىيىسىنىڭ تەسىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلغان ئىدى. ئىستراتېگىيىلىك بۈيۈك ئويۇنلار تۈپەيلىدىن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باش يېرىمىدا ئۈرۈمچى دېگەن بۇ شەھەر بىر خەتەرلىك جايغا ئايلانغان ئىدى. بۇ رايون تەپرىقىچى جەڭگاھلارنىڭ جەڭگى-جېدەللىرى ۋە سۈيى-قەستلىرى ئىچىدە قالدى. خىتاينىڭ بۇ رايونغا ئەۋەتكەن ئەمەلدارى ياڭ زىڭشىن دەل 1916 ‏- يىلى ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە زىياپەت بېرىپ ئۆلگەن. ئۇنى ئۆلتۈرگۈچىمۇ، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن سۈيىقەست قىلىنغان. بۇنداق سۈيىقەستلىك يىللارنىڭ تەسىرى بۇ رايوندىن ھازىرغىچە كەتمەيۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايوندا ئۇيغۇرلار پەقەت جەنۇب تەرەپتىلا كۆپ سانلىق بولۇپ تۇردى

‏‏- ھازىرقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1955 ‏- يىلى 90% ئاھالىسى خىتاي بولمىغان بۇ رايوننى ئاپتونوم رايون دەپ ئېلان قىلدى، ‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، ‏- شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا، شۇ ئاپتونوم رايۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كەڭ -كۆلەمدە تىكلەشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىرىنى بۇ رايوننىڭ شىمال تەرىپىگە سىڭدۈردى. ئۇيغۇرلار بولسا پەقەت بۇ رايوننىڭ جەنۇب تەرەىپىدىلا كۆپ سانلىق مىللەت بولۇپ تۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تۆمۈر تول قاتنىشىنى بۇ رايونغا تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۈرۈمچىگە لەنجۇدىن ئېقىپ كېلىشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. 1963 ‏- يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى خىتايلارغا ئېچىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايوندا 'يانار تاغ ئۇچقۇنلىرى' ئۆكسىمەس، ئۇنىڭ يانغىنى بېيجىڭ تەرپكە يۈزلىنىشكە باشلىدى.

لەغمەننىڭ تەمى غەربتىمۇ، شەرقتىمۇ تىلغا تېتىيدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ

‏‏- يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك تىنىچسىز، بىئارام يىللار بۇ رايوندا قەرەلسىز داۋام قىلىۋاتىدۇ، ‏‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئىرلاندىيە يازغۇچىسى كىلىففورد كۇنان، ‏‏- بۇ رايوندا تاڭ ئاتماس كېچە بولدى. ئەمما كوچىلاردا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى خىتاي بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاماقنىڭ مەزىلىك- تەملىكىنى ئىزلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر قاندىقى، شەكلى ۋە تەمى 'سپەگەدى' دەپ ئاتىلىدىغان ئىتالىيىچە يېمەك تۈرىگە ئوخشايدىغان لەغمەن دېگەن تاماقتىن ھەرگىز زېرىكمەيدىكەن. ئىتالىيىچە 'سپەگەدى' دېگەن چۆپئاش تېخنىكىسىنى ماركو پولو ياۋروپادىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇ بۇ رايوندا يەرلىشىپ لەغمەن بولۇپ قالغانمۇ ياكى ماركو پولو موڭغۇل سۇلالىسىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ رايوندىكى چۆپئاش تېخنىكىسىنى ئىتالىيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇ ياۋروپادا تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ 'سپەگەدى' بولۇپ قالغانمۇ؟ گەرچە بۇ تېما ئۈستىدىكى تالاش تارتىش ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەربتە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇخىل چۆپئاش، شەرقتىمۇ ئوخشاشلا كىشىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان چۆپئاش بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەرگىز مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. (تۈگىدى) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.