1-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى بولۇپ قالىدۇ

مەلۇمكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم كۈنى دەپ قارار ئالغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك دائىرىلىرىنىڭ 63 يىللىق سىياسىتى داۋامىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ كۈنى ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. رىياسەتچى بۇ يىغىلىشنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك يولىدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى.

« ئۇيغۇرلار ۋەتىنى 63 يىل خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا» تېمىسىدا دوكلات ئوقۇلغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى ھەمدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتاي ئالدىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، 1-ئۆكتەبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەڭگۈ ماتەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇستەقىللىق، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئىدىيىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى نائىلەم ھەمرايېۋا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.