«مايتىرى سىمىت» نىڭ ھازىرقى زامان نەشرى 1959 - يىلى قۇمۇل تۆمۈرتىدىن تېپىلغان نۇسخىسىغا ئاساسلىنىپ ھازىرلانغان. ئەسەرنىڭ قۇمۇل نۇسخىسى دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن نىسبەتەن تولۇق نۇسخا بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇزۇلغان ياكى يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم بەتلىرى چالا قالغان ئىدى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئىزدەنگۈچىلەر قۇمۇلنىڭ نېرناسى دېگەن يېرىدىن بىر ئۇچۇم قەدىمى يېزىقلارنى بايقىغان.
يېزىقلار يىرتىلىپ ئۇششاق پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق تور بەت خەۋەرلىرىدە، بۇ يېزىقلار ئۇيغۇر خاقانى - تەڭرى بۆگۈ ئېل بىلگې ئارسلانغا بېغىشلاپ تەرجىمە قىلىنغان «مايتىرى سىمىت» ناملىق ئەسەرنىڭ يوقاپ كەتكەن پارچىلىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنى زىيارەت قىلدۇق.